ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى خۇاۋېي شىركىتىدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇردى!

0
57

2-ئاينىڭ 12- كۈنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپيو ياۋروپا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋېنگرىيىگە كەلگەندە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خۇۋاېينى قوللىنىشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پومپيو يەنە: «باشقا ھۆكۈمەتلەرنى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. بىز ئۇلارغا خۇاۋېينىڭ تور ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خەلقلىرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ كېتىشىدىن ئاگاھلاندۇردۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتتىن پايدىلىنىپ ۋېنگرىيىنىڭ زىيىنىغا ئىش قىلىش خەۋپى بار. ئەگەر بۇ دۆلەتلەر خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى قوللانسا، بىزنىڭ بۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشمىز تەس بولىدۇ» دېگەن.

پومپيونىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكىنىڭ خىتاينى كەلگۈسىدىكى 5G سىمسىز تور ساھەسىدىن چەكلەش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە ئىشلەتكەن بېسىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسىدۇر. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداشلىرىنى خۇاۋېي شىركىتىدىن يىراقلىشىشقا چاقىرغان ئىدى.

خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ياۋروپادىكى تىجارىتى خېلى ياخشى كېتىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ شىركەت ياۋروپا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بازىرىنىڭ 40% ىنى ئىگىلىگەن. لېكىن ئامېرىكا بۇنى ئۆزگەرتىشكە قاتتىق تىرىشىۋاتىدۇ.

ئانالىزچىلار: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېيغا ئېلىپ بېرىۋاتقان پوزىتسىيىسى بولسا، ئامېرىكا خىتاينى كەلگۈسىدىكى 5G سىمسىز تور ساھەسىنى تەمىنلەيدىغان ئاساسىي دۆلەت بولۇش ئارقىلىق تېخنولوگىيە ساھەسىدە ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن توسۇش» دەپ قارىغان.

2019/02/16

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here