خىتاي سۇداندا «ئوران»قويۇلدۇرماقچى

0
167

2-ئاينىڭ -14كۈنى، سۇدان خىتاينىڭ ئاتوم ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى تىنچلىق يولى بىلەن پايدىلىنىشتا ھەمكارلىشىپ دۆلىتىدە «ئوران» قويۇلدۇرماقچى. سۇداننىڭ گېئولوگىيە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ دىرېكتورى مۇھەممەد ئابدۇللا سۇداننىڭ «SUNA» تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سۇداننىڭ قېزىلما بايلىق مىنىستىرلىقى، سۇ بايلىقى مىنىستىرى ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ سۇداندا «ئوران»قويۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئاتوم ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

سۇدان ئالدىنقى يىلى ئوران ساھەسىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. 2010-يىل سۇدان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقارغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا : سۇداندا 1.5 مىليون توننا ئوران زاپىسى بار ئىكەن. بۇنىڭ كۆپ قىسمى سۇداننىڭ غەربىدىكى دارفۇر ۋە سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى نۇدا تاغلىرىغا جايلاشقانىكەن.

2019/02/17

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here