ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرسىدىكى يىغىن داۋاملاشماقتا!

0
182

2-ئاينىڭ -15كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى روبېرت لېيېخايزېر ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ئېستېۋېن مېنۇكېن بىلەن بېيجىڭدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىسى توغرىسىدا كۆرۈشكەن. شى نىڭ دېيىشىچە: “بۇ يىغىننىڭ داۋامى ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئامېرىكىدا داۋاملىشىدىكەن.” ئېستېۋېن مېنۇكېن جۈمە كۈنى تىۋېتىر ھېسابىغا خىتاي بىلەن بولغان يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى يازغان.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھازىر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بېكىتىلگەن مۆھلەت ئىچىدە يىغىننى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەگەر بۇ مۆھلەت ئىچىدە ئىككى دۆلەت بىرەر ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىسا خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللارلىق مېلىغا قويۇلغان 10% باجنى 25%گە ئۆستۈرۈش بىلەن تەھدىت سالغان.

3-ئاينىڭ1-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى زادى نىم قىلىدۇ؟ خىتاي مۆھلەت ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل كېلەمدۇ ياكى بىرەر ئىتتىپاق ھاسىل بولمىسا تىرامپ ئىلگىرى دېگەندەك مۆھلەتنى ئۇزارتامدۇ؟

قېنى بۇ توغرىسىدا سىزمۇ ئۆز پىكرىڭىز سۆزلەپ بېقىڭ!!!!

2019/02/18

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here