خىتاي بىلەن رۇسىيىگە قارشى ئامېرىكىنىڭ يېڭى پوزىتسىيىسى

0
79

2-ئاينىڭ 25-كۈنى بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرى مارېك ئېسپېر : رۇسىيە ئەسكىرىي كۈچىنىڭ 2028-يىلىدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقىشى ۋە خىتاي ئەسكىرىي كۈچىنىڭ 2030-يىلىدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقىشىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇ كىشىنىڭ دېيىشىچە: ئامېرىكىنىڭ بۇ تەھدىتكە قارشى تەييارلىق قىلىشقا يەنە 10 يىل ۋاقىت بار ئىكەن.

مارېك ئېسپېرنىڭ دېيىشىچە: ئامېرىكا ئارمىيىسى 200 خىل قورال-ياراغ تەتقىقات پروگىرامىلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى ئازلىتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋەياكى بۇ پروگراممىلارنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن ئىقتىسادىنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان رۇسىيە ۋە خىتاي ئەسكىرىي كۈچىنى بېسىپ چۈشىدىغان تۈرلەرگە ئىشلىتىدىكەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە قوراللىق كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان يىللاردا، رۇسىيە بىلەن خىتاي بولسا ئەسكىرى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلدى .

مارېك ئېسپېر ئامېرىكا، ئىراق ۋە ئافغانىستان ئۇرۇشلىرىغا نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ رۇسىيە ۋە خىتايدەك دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى “رەنىگە قويدى” دېگەن. مارېك ئېسپېر دېيىشىچە: ئامېرىكا ئارمىيىسى40 يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

2019/03/04

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here