ھىندىستان-پاكىستان يېڭى سۈركىلىشى

0
150

«يېڭى سۈركىلىش سۇ توغرىسىدا چىقىۋاتىدۇ» دېگەن بىر ئەمەلدار پاكىستان سۇ بايلىقلىرى ۋە ئېنىرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەر ئېھتىماللىققا قارشى دىققەت قىلىشىنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە «ئىندۇس سۇلىرى» كېلىشىمنامىسىگە قارىتا: «ھىندىستان پاكىستانغا ئاققان سۇلارنى كېسىۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر سۇ كېسىۋېتىلسە خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلىمىز» دېگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، باشقا بىر ئەمەلدار سۇنىڭ كېسىۋېتىلىشىگە قارىتا، ھىندىستان ئىندۇس سۇلىرى گۇرۇپپىسى پاكىستاننى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەكلىكى لېكىن ھازىرغىچە ئۇنداق بىر ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بولمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە: «ھىندىستان پاكىستانغا ماڭىدىغان سۇنى كېسىپ، ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئېقىنلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى خالايدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ» دېگەن.

دەريا سۇلىرىنى كېسىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىشىچە، ھىندىستاننىڭ قۇرۇقلۇق ترانسپورتى، كېمىچىلىك، سۇ بايلىقى ۋە گەج دېڭىزىنى بەرپا قىلىش مىنىستىرى نېتېن گادكارې: «ھۆكۈمىتىمىز پاكىستان بىلەن تەڭ پايدىلىنىۋاتقان سۇنى ئۈزۈشكە قارار قىلغان بولۇپ، بۇ سۇنى جامۇ كەشمىر ۋە پەنجاپتىكى ۋەتەنداشلارغا تارقىتىپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى.

ئۇ يەنە، پاكىستاندىكى ئىندۇس دەرياسىنىڭ كونترولى ھىندىستاندا ئىكەنلىكىنى، بىر قىسمىنى پاكىستان بىلەن تەڭ پايدىلىنىۋاتقان دەريالاردىكى سۇلارغا «سۇ ئامبار» قۇرۇپ، سۇلارنى بۇ ئامبارغا قاچىلاپ پاكىستانغا ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«ئىندۇس سۇلىرى» كېلىشىمنامىسى

1960-يىلى دۇنيا بانكىسى كېپىللىكىدە پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا ئىمزالانغان «ئىندۇس سۇلىرى» كېلىشىمنامىسىغا كۆرە، ئالتە دەريادىن تەركىب تاپقان ئىندۇس دەرياسىنىڭ بېئاس، راۋا ۋە سۇتلېج ئېقىنلىرىنىڭ كونتروللۇقى ھىندىستانغا بېرىلگەن.

پاكىستان بىلەن ھىندىستاننى كۆپ سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈچ دەريادىن ئاققان سۇنىڭ بىر قىسمىنى تەڭ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان ھىندىستان سۇ ئېقىشىنى توسۇش ئۈچۈن پىلانلىغان ئامبار پىلانى سەۋەبلىك دۇنيا بانكىسىغا بارغان. دۇنيا بانكىسى بىلەن ھىندىستان ۋە پاكىستانلىق مەسئۇللارنىڭ 5- ئايدا ئېچىلغان ۋاشىنگتوندىكى يىغىلىشى نەتىجىسىز ئاياغلىشىدۇ.

ھىندىستان ياسىماقچى بولغان ئامبار ئارقىلىق پاكىستاندا سۇ قىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە سىياسىي بېسىم ھاسىل قىلالايدۇ.

ھىندىستان-پاكىستان سۈركىلىشى

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى ئاخىرقى سۈركىلىش بولسا، 2- ئاينىڭ 14- كۈنى كەشمىرنىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى رايونىدا ئەسكىرىي قىسىمغا ماشىنا بومبا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بىرىپ، 44 نەپەر ئەسكەرنىڭ ئۆلۈشى بىلەن باشلاندى.

يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى بۇ ھۇجۇمنى «پاكىستان قىلغان» دەپ ئەيىبلىدى. لېكىن پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى.

2-ئاينىڭ 26- كۈنى ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايوننى بومباردىمان قىلدى.

2-ئاينىڭ 27- كۈنى پاكىستان ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىگە تەۋە ئىككى دانە كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۆۋلۈت چاۋۇش باياناتىدا، بۇ ۋەقەدە ئىككى تەرەپنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرغان. گېرمانىيە، ئەنگلىيە، خىتاي ۋە رۇسىيەمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش چاقىرىقلارنى قىلدى.

2019/03/12

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here