ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدا ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ باردى

0
108

3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكا ھىند-تىنچ ئوكيان ھەربىي ئىشلار قوماندانلىقى يادرو بومبىسى ئېلىپ ئۇچالايدىغان « B-52H »تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ خىتاي دېڭىزىدا ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە قاراشلىق گۇئام ئارىلىدىكى « B-52H »تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قوللاش، ھىند-تىنچ ئوكياندا ئەركىن ۋە ھەممىگە ئوچۇق مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا ئۇچۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.»

ئۆتكەن ھەپتىمۇ ئامېرىكاغا تەۋە « B-52 »تىپلىق بىر بومباردىمان ئايروپىلانى ياپونىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۇچۇش ئېلىپ بارغانىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نېفىت زاپىسى جەھەتتىن مول بولغان پارسېل ۋە سپارتلى ئاراللىرىغا ئوخشاش شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى نۇرغۇن ئارال ئۈستىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋا قىلىۋاتقانلىقىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ بۇ رايونلاردا يادرو بومباردىمان ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ «بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى»بولىدىغانلىقىنى ئىگىرى سۈرمەكتە.

2019/03/19

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here