لوبىيچىلىقنى قانداق چۈشىنىمىز؟

0
66

ئىنگلىزچىدە «lobby» دېگەن بىر سۆز بار بولۇپ، بۇ سۆز پېئىل شەكلىدە ئىشلىتىلگەندە «نۇتۇق سۆزلىمەك، ئۈندىمەك، كۆندۈرمەك» دەپ چۈشەندۈرۈلىپتۇ. ئەمما بىر ئىنگلىزچە لۇغەتتە بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق ئىزاھات بېرىلىپتۇ: –بىر قانۇن تۈزۈش ئورگىنى ئەزالىرى تاشلايدىغان بېلەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش

–ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، بولۇپمۇ قانۇن تۈزۈش ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى كۆرمەكچى بولغان ئىش-ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش

–مەلۇم بىر قانۇننىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ياكى ماقۇللۇقتىن ئۆتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش

«ئۈندەش، كۆندۈرۈش» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا ئىنگلىزچە سۆزنىڭ يۇقىرىدىكىدەك مەنىلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، مەن بۇ سۆزنى تۆۋەندە ئۇيغۇرچىدا «لوبىيلىق قىلىش» دەپ ئالىمەن.
ئامېرىكىدىكى سىياسەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، باشقا بارلىق مىللەت ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لوبىيچىلىقى يەھۇدىلارنىڭ لوبىيچىلىقىدەك قورقۇنۇچلۇق، ياكى باش ئېگىشكە مەجبۇرى بولىدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەس. ئەگەر ئامېرىكىدىكى سايلىنىشقا چۈشكەن بىر سىياسەتچى يەھۇدى لوبىيچىلىرىنىڭ دېگىنىنى قىلمايدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ كۆزلىگەن ھوقۇق ئورنىغا سايلىنالمايدۇ، ياكى قايتا سايلىنالمايدۇ. ھەمدە ئۇ يەھۇدىلارنىڭ قولىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن قارىلىنىدۇ ياكى ئېتىبارسىز قارىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى يەھۇدى لوبىي تەشكىلاتلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلار ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر ياققا قايرىپ قويىدۇ.

دۆلەت ئىچىدە، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئەمەلدارلىرىغا پارا بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھىماسىيىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. چەت ئەلدە بولسا ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەرگە قاراتقان سىياسىتىنى باشقۇرۇش، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن قىلىش ئەمەس، يەھۇدىلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن قىلدۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

2019/03/27

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here