شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى ياۋروپا زىيارىتى

0
85

ئىتالىيە
3- ئاينىڭ 21- كۈنى شى جىنپىڭ ئىتالىيىگە يېتىپ كەلدى. ئىتالىيە خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېڭى يىپەك يول» پىلانىغا ئەزا بولدى.

ئىتالىيە G7 دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى خىتاينىڭ بۇ ئىقتىسادىي پىلانىغا قوشۇلغان تۇنجى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

3- ئاينىڭ 23- كۈنى ئىتالىيىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لۇۋېجې دې مايو شى جىنپىڭنىڭ رىمغا قىلغان زىيارىتىدە ئىتالىيە بىلەن 2.8 مىليارد ئامېرىكا دوللارلىق سودا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كەلگۈسىدە بۇ سودا كېلىشىمى 20 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

فىرانسىيە
شى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى فرانسىيىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكېرون، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ كلود جۇنكىنېر ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئەنجېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشكەن.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى فرانسىيە خىتاي بىلەن نەچچە مىليارد ياۋرو قىممىتىدە 15 خىل تۈر بويىچە كېلىشىم ئىمزالىغان. بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە، خىتاي پاي ئىگىسى بولغان فرانسىيىنىڭ «Airbus» ئاۋىئاتسىيە سانائەت شىركىتىدىن 300 دانە (30 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا) يولۇچىلار ئايروپىلانى زاكاس قىلىش ۋە فرانسىيىنىڭ EDF ئېلېكتر شىركىتى بىر مىليارد دوللارغا خىتاي دېڭىزى ئۈستىدە «شامال ئېنىرگىيە ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتى» ياساش قاتارلىقلار بار ئىكەن.

3-ئاينىڭ 26- كۈنى فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكېرون، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ كلود جۇنكىنېر ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئەنجېلا مېركېل شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «دۇنيا تەرتىپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ مۇناسىۋەت دۇنيا تەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ».

خۇاۋېي ۋە 5G سىمسىز تور

3-ئاينىڭ 27- كۈنى CNN خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كەلگۈسىدىكى 5G سىمسىز تور ساھەسىنى قوغداش ئۈچۈن بىر ئىستراتېگىيە ھازىرلىغان. بۇ ئىستراتېگىيە بولسا خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى بۇ ساھەدىن پۈتۈنلەي چەكلەش ئەمەس ئىكەن.

ئامېرىكا بولسا ئىتتىپاقداشلىرىغا، بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى 5G سىمسىز تور ساھەسىدىن چەكلەش توغرىلىق بېسىم قىلىپ كەلگەن.

4- ئاينىڭ 19- كۈنى بېلگىيىنىڭ پايتەختى بېريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلماقچى.

2019/03/28

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here