خىتاي، ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننى ھەمكارلىشىشقا چاقىردى……

0
2042

4-ئاينىڭ 19-كۈنى خىتاي ، ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننى «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى توغرىسىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى «ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا قوشۇلۇشىنى توسماسلىقىنى ئېيتقان.»

ۋاڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى ھەمكارلىشىش ئۈچۈن بىر مۇنبەردۇر. ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بۇ پىلانغا قاتنىشىنى خالايمىز».دېگەن.

بۇ پىلاننى 2013-يىلى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن غەربىي جەنۇب ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى بىر بىرىگە باغلايدىغان كونا يىپەك يولىنى يېڭىدىن قورۇپ چىقىش مەقسىتىدە باشلاتقان.

ۋاڭ كۈندىلىك گېزىتىدە «ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بۇ پىلانغا قاتنىشىش ئەركىنلىكى بار، ھېچ كىمنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى بۇ پىلانىدىن توسۇش ھەققى يوق». ئۇ يەنە «ئامېرىكنى ئۆزئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ پىلانغا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

رايون خاراكتېرلىك كۈچ ھېسابلىنىدىغان ھىندىستان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدور» غا قارشى چىققان .
خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى، خىتاينى پاكىستان ئارقىلىق ئەرەب دېڭىزدىكى گىۋادار پورتىغا ۋە تالاش-تارتىشتىكى جامو ۋە كەشمىرنىڭ بىر پارچىسى بولغان 60 مىليارد دوللارلىق پىلاندۇر.

ۋاڭ يەنە يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتىنى «قارشىلىق قىلماسلىققا»چاقىردى ۋە « خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى، كەشمىر كېلىشىمنامىسىدىكى مەزمۇنلارنى بۇزمايدۇ»دېدى.
يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» غا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ، يىغىنغا 150دىن كۆپ دۆلەت ۋە 37 دۆلەت زۇڭتۇڭىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى سۆزلىدى.
پاكىستان بىلەن نېپال يىغىنغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا، ئامېرىكا بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2019/04/19

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here