رۇسىيىنىڭ س-400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇش ۋاقتى ئاشكارلاندى

0
379

رۇسىيە تۈركىيىنىڭ سېتىۋالغان س-400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى 7-ئايدىن باشلاپ تاپشۇرۇشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇس خەۋەر ئاگېنتلىقى ئنتېرفاشنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رۇس قورال سانائىتىنىڭ باشلىق ياردەمچىسى ئالىكساندېر مېخېيېۋ «ھەر تۈرلۈك ھەمكارلىقنى ئىشارەت قىلىپ “كېلىشىمنى ساقلايمىز”»دېگەن.

رۇسىيىنىڭ ئىككى ھەپتە ئىلگىرىكى باياناتىدا س-400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بەزى پارچىلىرىنىڭ تۈركىيىدە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇس دۆلەت باشلىقى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ باياناتچىسى “س-400 نىڭ پۈتۈن پارچىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلىمىز. بۇ ئەڭ ئىلغار سىستېما. لېكىن بەزى پارچىلىرىنى ياساش توغرىسىدا كۆرۈشۈشلەر بولۇشى مۇمكىن.”دېگەن

ئامېرىكا ، ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيىنىڭ رۇسىيىگە تەۋە بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىغا قارشى چىقىپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا مۇئاۋېن پىرىزدنت مايىك پېنىس ئىلگىرىكى باياناتىدا ناتو ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر دۆلەتنىڭ رۇسىيىدىن قورال سېتىۋېلىشى قارشىسىدا “خەۋەرسىز قالمايدىغانلىقىنى” بىلدۈرگەن. تۈركىيەنىڭ س-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋىلىشى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىختىلاپلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.

ئەنقەرەنىڭ رۇسىيىدىن س-400 ئېلىش پىلانى، تۈركىيىگە ف-35 كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تاپشۇرۇشىنىڭ توسقۇنلۇقا ئۇچۇرۇشۇشى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر مەجلىستە ئۇتتۇرغا قويۇلغان ئىدى. ئامېرىكا بولسا ئاي بېشىدا ف-35 كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن تەربىيىلەش ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ تۈركىيىگە ئەۋەتىشنى چەكلەش قارارى ئالغان ئىدى.

2019/04/25

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here