خىتاينىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈركىلىشى

0
486

4-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رېن گۇوچىڭ ئايلىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى فرانسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا تەيۋەن دېڭىز بوغۇزى ئارقىلىق قانۇنسىز خىتاي سۇلىرىغا كىرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئەرز سۇنغان ئىكەن.

فرانسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى فېلورېنسې پارلې پەيشەنبە كۈنى رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئالاقە ئورناتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتاينىڭ رەئىسىنىڭ ياردەمچىسى خۇ چۇنخۇا خىتايغا زىيارەتكە كەلگەن ئەنگلىيە ئىقتىسادى مىنىستىرى فېلىپ خاموندگغا خىتاي جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدا توختۇلۇپ، ئالدىنقى يىل 8-ئايدا ئەنگلىيىنىڭ خىتاي ئۆزىگە تەۋە دەپ داۋا قىلىۋاتقان ئاراللارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن ئۇرۇش پاراخوت ۋەقەسى سەۋەبلىك ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكەنلىكىگە ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئەنگلىيىنىڭ خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ھازىرلاشقا بۇنداق ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ سەۋەبى بولسا ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئىقتىسادى جەھەتتىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچۇرشى مۇمكىن.

2019/04/25

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here