پوتىندىن ئۇكرائىنا ۋە ئىدلىب مەسىلىسگە قارىتا بايانات

0
1004

4-ئاينىڭ 28-كۈنى رۇسىيە دۆلەت رەئىسى پۇتىن ئىدلىبقا قارىتا ئەسكىرىي ھەرىكەت توغرىسىدا:«مەن بۇ توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالمايمەن. لېكىن سۈرىيىلىك دوستلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانلىق جەھەتتىن بۈگۈن بۇ ئەسكىرى ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئويلاشتۇق.» دېگەن.

كرېمىل سارىيىدىن تارقالغان باياناتتا؛ پۇتىن، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن«بىر بەلۋاغ بىر يول»پىلانى مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بايانات بېرىش يىغىنىدا، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا بەزى بىر چۈشەندۈرۈشلەرنى بەرگەن.

ئىدلىپتىكى گۇرۇپپىلار توغرىسىدا، پۇتىن « مەن بۇ توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالمايمەن. لېكىن سۈرىيىلىك دوستلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانلىق جەھەتتىن بۈگۈن بۇ ئەسكىرى ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئويلاشتۇق.»دېگەن ئىپادىلەرنى بىلدۈرگەن.

ئۇكرائىنادىكى سايلام مەسىلىسى….

ئۇكرائىنا دۆلەت رەئىسلىك سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ۋېلادىمىر زېلېندكېي بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى توغرىسىدا، كېيىنچە بىر كۆرۈشۈشىمىز مۇمكىن بولسا، مۇزاكىرىنى باشلايمىز، مەن بۇ مەسىلىگە ئېتىبار بېرىمەن. ھەممىدىن بۇرۇن ئۇكرائىنىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا پاراڭلىشىمىز. “مېنسىك” كېلىشىمىنامىسىنى قوللىنىش بىردىن بىر يولدۇر.

پوتىن، ئۇكرائىنا دۆلەت رەئىسى دومباسنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.


2019/04/28

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here