ۋېنزۇئېلادىكى كرىزىس دۇنيا نېفىت بازىرىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە

0
212

2019-يىل 1-ئايدىن باشلانغان ۋېنزۇئېلادىكى پىرىزدنتلىق كرىزىسى بۇ دۆلەتنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. بۇ ئىشلار دۇنيا نېفىت بازىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.

تىرامپ ھۆكۈمىتى نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان ئىران ۋە ۋېنزۇئېلاغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەندىن كېيىن، 2019-يىلى دۇنيادىكى خام نېفىتنىڭ باھاسى ئۆرلەشكە باشلىغان. ئامېرىكىدا بىر گالون گازىنىڭ باھاسى 63 تىيىن ئۆسكەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلىنىپ بىر گالون گازنىڭ باھاسى 2.88 دوللار بولغان.

4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىنقىلاب قوزغىماقچى بولغان ۋە پىرىزدنتلىق ئورنىنى تالىشىۋاتقان جۇئان گۇيدو “ۋېنزۇئېلا ئارمىيىسى ھازىر ئىنقىلابنى قوللىماقچى” دەپ خەۋەر بەرگەن. لېكىن سابىق  CIA ئانالىزچىسى ھېلىما كېروفتنىڭ CNN خەۋەر ئاگېنىتلىقىغا بەرگەن خەۋەرىدە؛ “بىز ھازىر ۋېنزۇئىللادا نىمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز، شۇڭا مەن ئالدىراپ ئۇ يەرنىڭ ئىشىنى ئاخىرلاشتى دېيەلمەيمەن. ھازىرغىچە ئىنقىلاپنى يوقۇرى دەرىجىلىك ئارمىيە مەسئۇللىرى قوللىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق” دېگەن.

2019/05/01

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here