ئامېرىكا بىلەن تالىبان دۇھادىكى يىغىننى داۋاملاشتۇردى

0
1177

5-ئاينىڭ 1-كۈنى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا  ئافغانىستاندىكى تالىبان ھەرىكىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئافغانىستاندىكى 17 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى يىغىن بولسا ئىككى تەرەپنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق ئولتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىغىندا ئامېرىكا تەرەپ ئافغانىستاندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپتە جەڭلەرنى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ئىكەن. تالىبان تەرەپنىڭ شەرەتلىرى بولسا، تالىبان باياناتچىسى زېبىھۇللاھ مۇجاھىدنىڭ رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا دېگىنىدەك؛ “ئافغانىستاندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپتە شەرتسىز تاجاۋۇزچى شەكىلدە كىرگەن قوشۇنلارنىڭ ھەممىسى دەرھال ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىكىتىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش ئافغانىستانغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىدۇ.”

ھازىر ئافغانىستاندا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تەخمىنەن 14،000 نەپەر ئەسكىرى بار ئىكەن.

تىرامپ پېرىزدنتلىق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن دۆلىتىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن جەڭ ھېسابلىنىدىغان ۋە ھازىرغىچە غەلىبە قازىنالمىغان ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تالىبان ھەرىكىتى بىلەن كېلىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا 2001-يىل ئافغانىستانغا كىرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 714 مىليارد دوللار چىقىم قىلغان.

2019/05/01

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here