رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوت كەتتى

0
737

موسكۋادىن مۇرمانسكقا قاراپ ئۇچقان (Aeroflot) شىركىتىنىڭ «SSJ-100» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى، كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايرودۇرۇمغا قايتىپ جىددىي قونغاندا، ئارقا تەرەپكە ئوت كېتىپ، 41 يولۇچى جېنىدىن ئايرىلغان.

5-ئاينىڭ 5-كۈنى رۇسىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، موسكۋادىن مۇرمانسكقا قاراپ ئۇچقان Aeroflot شىركىتىنىڭ «SSJ-100» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى، كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايرودۇرۇمغا قايتىپ جىددىي قونغان. ئايروپىلان قونۇش جەريانىدا ئارقا تەرەپكە ئوت كەتكەن ۋە يولۇچىلار دەرھال تارقاقلاشتۇرۇلغان.

رۇسىيە تاس (TASS) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئايروپىلاندا 73 يولۇچى ۋە بەش ئايروپىلان خادىمى بار بولۇپ، يولۇچىلاردىن 41 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر باشلانغان.

2019/05/06

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here