خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا سۆھبىتىدىكى شەرتلىرى

0
516

5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئامېرىكىدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتىدە ئىككى دۆلەت ئورتاقلىق ھاسىل قىلالمىغان.

خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ باشلىقى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ خې مۇخبىرلارغا يىغىن ئاياغلاشقان كۈنى ، ئىككى دۆلەت “باج مەسىلىسى ۋە خىتاي ئامېرىكىدىن قانچىلىك مال ئىمپورت قىلىشى كېرەك ” دېگەن مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لۇ خېنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىر ئىتتىپاققا كېلىشى ئۈچۈن “ئامېرىكا خىتاي ماللىرىغا قويغان ئارتۇق باجلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك” ئىكەن.

ليۇ خې يەنە ، ” سۆھبەتنىڭ توختاپ قالغىنى يوق، بۇ نورمال بىر ئىش. ئىككى دۆلەت كەلگۈسىدە بىر ئىتتىپاققا كېلىش ئۈچۈن بېيجىڭدا كۆرۈشۈشكە ماقۇل كەلدى.”دېگەن.

2019/05/11

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here