گىۋادار شەھىرىدىكى 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

0
553

5-ئاينىڭ 11-كۈنى پاكىستاننىڭ گىۋادار شەھىرىدىكى ساقچى ۋە ئاخبارات مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن 4 قوراللىق كىشى گىۋاداردىكى 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا بېسىپ كىرگەن.

گىۋادار شەھىرىدىكى “ئاسالام بۇنگالزاي” ئىسىملىك ساقچىنىڭ دېيىشىچە بۇ 4 نەپەر قوراللىق كىشى گىۋادار پورتىغا يېقىن جايلاشقان “Pearl Continental” مېھمانخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، مېھمانخانىنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى بىلەن ئېتىشقان. بۇ ھۇجۇمدا مېھمانخانىدىكى بىر ئامانلىق قوغداش خادىمى ئۆلگەن. پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېنىك تىپتىكى ئاپتومات ۋە قول بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلغان بۇ 4 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن.

بۇ ئەمەلىيەتنى بەلۇجىستان رايونىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قوراللىق ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان”بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيە” ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ھەرىكەت 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. پاكىستان ھۆكۈمىتى بولسا “ھىندىستان ھۆكۈمىتى بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيىسىگە ياردەم بەرگەن” دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

گىۋادار پورتىنىڭ ئەھمىيىتى

600 كىلومېتىرلىق دېڭىز قىرغىقىغا ئىگە بولغان ھىندى ئوكيانغا جايلاشقان بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پورت، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا تۇتىشىدىغان 64 مىليارد دوللارلىق “خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي” كارىدورنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پورت شەھرى خىتاينىڭ ئاتالمىش “يېڭى يىپەك يول” پىلانىدىكى دېڭىز لىنىيىسىنىڭ باش نۇقتىسىدۇر.

خىتاي بۇ “خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي” كارىدورى ئارقىلىق ماللىرىنى ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق بازارلىرىغا تېز ۋە ئەرزان يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئىقتىسادىي كارىدور ئىقتىسادى ئاجىز بولغان پاكىستاننى دۇنيادىكى 2-ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىغا ئىگە خىتاي ماللىرىنىڭ ئۆتۈشى نەتىجىسىدە پاكىستان دۆلىتىگە ئىقتىسادى كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ.

2019/05/12

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here