خۇاۋېي يەنە بىر زەربىگە ئۇچرىدى

0
640

5-ئاينىڭ 15-كۈنى تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تېخنولوگىيە شىركىتى بولغان خۇاۋېيغا ئېغىر دەرىجىدە ئېمبارگو يۈرگۈزدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي بىلەن بولغان سودا تالاش-تارتىشىغا يېڭىدىن سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ئامېرىكا سودا ئورگىنى خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك 70 شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. بۇ قارار ئارقىلىق ئامېرىكا شىركەتلىرى ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەت ئالماستىن خۇاۋېي شىركىتىگە  ئۈسكىنە ۋە تېخنىكىلارنى سېتىپ بېرەلمەيدىكەن.

ئامېرىكا ئىقتىسادى مىنىستىرى ۋېلبۇر روسنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ بۇ قارارنى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن تېخنىكىغا ئىگە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقارغان ئىكەن.

تىرامپ يەنە 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا شىركەتلىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئەكېلىدىغان شىركەتلەرنىڭ تېلېگراف ساھەسىدىكى ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلەش بۇيرىقى چۈشۈرگەن.

2019/05/17

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here