خىتاينىڭ بېيدو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى (BDS) ھەققىدە

0
317

بېيدو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى (中国北斗卫星导航系统 BeiDou Navigatio Satellite System,BDS)بولسا خىتاي ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان پۈتۈن يەرشارى خاراكتېرلىك سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى(GPS)، رۇسىيەنىڭ گىلوناس سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى(GLONASS) لاردىن قالسا ئۈچىنجى بىر مۇكەممەل سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

خىتاينىڭ BDS، ئامېرىكىنىڭ GPS، رۇسىيەنىڭ GLONASS، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ GALILO بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش كېڭىشى ئېتىراپ قىلغان ئورگانلار ھېساپلىنىدۇ.

بىيدو سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى بوشلۇق بۆلىكى، يەر يۈزى بۆلىكى ۋە ئابونتلار بۆلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا 24 سائەت ئابونتلار ئۈچۈن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش، ۋاقىتتىن خەۋەردار قىلىش ۋە ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئورۇن بەلگىلەش ئېنىقلىق دەرىجىسى 10 مېتىر، سۈرئەت ئۆلچەش ئېنىقلىق دەرىجىسى 0.2 مېتىر/سېكۇنت، ۋاقىت ئېنىقلىق دەرىجىسى 10 نانوسېكۇنت.

BDS نىڭ باشقا ئوخشاش تۈردىكى سىستېمىلاردا يوق بولغان ئالاھىدىلىكى بولسا تېلېفون سىگنالى ئىشلىمەيدىغان ناچار شارائىتلاردىمۇ ئابونتلار ئۆز-ئارا ئۇچۇر يوللىشالايدۇ، بۇ خىل ئىقتىدار GPS دىمۇ يوق.
BDS نىڭ يېقىنقى ئەڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىدىن بىرى بولسا 6000 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىكى دېڭىز ئاستىدا ماس قەدەمدە ئۇچۇر يەتكۈزۈش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئەگەر BDSنىڭ بۇ ئىقتىدارى مۇكەممەلىشىپ قالسا خىتاينىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى كېمە تەرەققىياتىغا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ئىلىپ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىتاينىڭ پىلانىدا، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە BDS «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئەتراپىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنى مۇكەممەل قاپلاش، 2020-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

ھازىر «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئەتراپىدىكى پاكىستان، بېرما، ھىندونېزىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەتتە بۇ مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ بولدى.

مەنبە: يۇرتۇغ ئونۋېرسال قانىلىدىن ئېلىندى..

2019/05/18

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here