ئامېرىكا ئىرانغا قارشى ئوتتۇرا شەرققە يەنە ئەسكەر ئەۋەتمەكچى

0
353

5-ئاينىڭ ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا يەنە 1500 نەپەر ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى ئىران بىلەن كۈچىيىۋاتقان سۈركىلىشلەردىن كېلىپ چىققان.

تىرامپ بۇ ئەسكەرلەرنىڭ قوغداش قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇشۇ ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەسكەرلىرىگە ئىران تەرەپتىن كەلگەن تەھدىتكە قارشى بۇ يېڭى ئەۋەتمەكچى بولغان قىسىم ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋەزىپىسىدە ئەۋەتىلىدىكەن.

بۇ 1500 نەپەر ئەتراپىدىكى ئەسكەرلەرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئەۋەتىشنى باشلايدىكەن.

مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراندىن كەلگەن تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرققە يەنى ئىراننىڭ ئەتراپىغا نەچچە مىڭلىغان ئەسكەر، بىر دانە ئاۋىئاماتكا، 4 دانە ب-52 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ھۇجۇم گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتكەن.

ئوتتۇرا شەرق رايونىدا بولسا ئامېرىكىنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار. بەھرەيىندە بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسى، قاتاردا بولسا ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ئىراقتا ھازىر تەخمىنەن 5200 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە سۈرىيىدە 2000 غا يېقىن ئەسكىرى بار.

2019/05/25

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here