يەنە بىر خىتاي تەرەپدارى باش مىنىستىر ئىستېپا بەردى

0
491
BEIJING, CHINA - JULY 6: Papua New Guinea's Prime Minister Peter O'Neill during a signing ceremony at the Great Hall of the People on July 6, 2016 in Beijing, China. (Mark Schiefelbein / Pool / Getty Images)

5-ئاينىڭ 26-كۈنى پاپۇا يېڭى گۋىنىيىنىڭ باش مىنىستىرى پېتىر ئونېل ئىستېپا بەردى، 7 يىلدىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەۋەتقان پېتېر ئۇنېلنىڭ ئىستېپا بېرىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، مۇشۇ ئاخىرقى ھەپتىلەردە دۆلەت بېشىدىكى پارتىيىدىن بىر نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرى پېتېرغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ ھۆكۈمەتتىن چېقىپ كېتىشى ئىكەن.

پېتىر ئونېل مۇخبىرلارغا باش مىنىستىرلىك ھوقۇقىنى سېر جۇلېيېس چانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى پېتىر ئونېل باشقا ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ تەلەپلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ پارلامېنتنىڭ قوللىشى بىلەن يەكشەنبە كۈنى ئىستېپا بەرگەن.

پېتىر ئونېل بولسا خىتاي تەرەپدارى ھېسابلىنىدۇ. پاپۇا يېڭى گۋىنىيىنىڭ باش مىنىستىرلىق ئورنىغا چىقىدىغان كىشى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى مالايسىيا ۋە فىجى ھۆكۈمىتىدەك ئىقتىداردىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن خىتايغا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگىرەمدۇ؟

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here