تىرامپتىن خىتايغا يەنە 300 مىليارد دوللارلىق باج تەھدىتى

0
718

ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ خىتاي ماللىرىغا قارىتا يېڭىدىن باشلىغان باج ئۆستۈرۈشلىرىگە يەنە ئەڭ ئاز دېگەندە 300 مىليارد دوللارلىق مال ئۈچۈن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئۆستۈرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت قىلغان.

“خىتاي بىلەن كۆرۈشىمىزدە نۇرغۇنلىغان غەلىتە ئىشلار بار، قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىمىزدا كۆرىمىز. تاموژنا بېجىنى يەنە 300 مىليارد دوللارلىق مالغا توغرا ۋاقىتتا ئۆستۈرىمەن” دېگەن تىرامپ قايسى تۈردىكى ماللارنىڭ بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن.

تىرامپ، تىجارەت ئۇرۇشى قىلىۋاتقان مېكسىكا بىلەن بىر كېلىشىم تۈزۈشنى ئويلاشقانلىقىنى ئېيتقان. تىرامپ ئىلگىرىكى ھەپتە مېكسىكىدىن كىرىدىغان ماللارغا %5 باج ئۆستۈرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى.

دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى بولغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىدا بىر قانچە قېتىم باج ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى بولۇپ ئۆتتى. تىرامپ، 2018-يىلى 7-ئايدا خىتاينىڭ تېخنولوگىيە ماللىرىنىڭ 50 مىليارد دوللارغا %25 باج ئۆستۈرىدىغانلىقى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي بولسا بۇنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەن. شۇ يىلى ئاخىرى ئامېرىكا، خىتايغا سودا بېسىمى قىلىش مەقسىتىدە خىمىيىلىك ماددىلاردىن تارتىپ يېمەكلىككىچە بولغان 200 مىليارد دوللارلىق مالغا %10 باج قويغان. خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ 60 مىليارد دوللارلىق مېلىغا باج ئۆستۈرگەن.

2019/06/06

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here