ئامېرىكا ۋە رۇسىيىگە ئائىت ئۇرۇش پاراخوتلىرى سوقۇلۇپ كېتىشكە ئاز قالدى

0
393

6-ئاينىڭ 7-كۈنى رۇسىيە ۋە ئامېرىكىغا ئائىت ئۇرۇش پاراخوتلىرى، خىتاينىڭ شەرق دېڭىز رايۇنىدا سوقۇلۇپ كېتىشكە ئاز قالغان بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى ئەيىبلىمەكتە.

رۇسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتى، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ 50 مېتىر ئالدىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن رۇسىيە قوغلىغۇچى پاراخوتى جىددىي ھالەت مانېۋىرىغا ئۆتۈشكە مەجبۇرى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ فلوت قوماندانى كلايتون دوسس بولسا رۇسىيە تەرەپنىڭ “تېخنىكا جەھەتتىن يېتەرسىز” ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ پاراخوتلىرىنىڭ توغرا مانېۋىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. دوسس، رۇسىيە تەرەپ چىقارغان باياناتنىڭ پەقەت تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە پاراخوتلارنىڭ ئۆزىنىڭ پاراخوتلىرىغا 15 مېتىردىن 30 مېتىرغىچە يېقىنلاشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

2019/06/08

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here