ھىندىستاندىن ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويدى

0
252

ھىندىستان، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان 28 خىل تۈردىكى ماللارغا تاموژنا بېجى ئۆستۈردىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

ھىندىستان بادام، ياڭاق ۋە ئالمىغا ئوخشاش ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 28 خىل مالغا تاموژنا بېجىنى %70 گە ئۆستۈردىغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى. بۇ يېڭى باج 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

ئۆتكەن يىل 6-ئايدا ئامېرىكا ھىندىستاندىن ئېمپورت قىلىدىغان بىر قانچە خىل ماللىرىغا تاموژنا بېجى قۇيغان. بۇنىڭغا قارشى ھىندىستان ئامېرىكا ماللىرىغا باج قۇيماقچى بولغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ئىكەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى 2018-يىلدا 142 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

2 دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتى مۇشۇ ئاي بېشىدا تىرامپ ھۆكۈمىتى ھىندىستاننى قاتنىشىۋاتقان سودا پروگراممىسىدىن چىقىرىۋېتىشى بىلەن ناچارلىشىشقا باشلىغان. بۇ پروگراممىدا ھىندىستاننىڭ 6 مىليارد دوللارلىق مېلى 2018-يىلىغىچە ئامېرىكىغا تاموژنا بېجى تۆلىمەستىن كىرەتتى.

ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا تەڭپۇڭىنى تەڭشەش ئۈچۈن بىر قانچە دۆلەتكە قارىتا باج ئۆستۈرۈپ كەلمەكتە.

2019/06/17

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here