خىتاي ئەنگلىيىگە تەھدىت سالدى

0
633

خىتاينىڭ ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى ئەلچىسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ تور ساھەسىدە 5ج مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلىشتىن چەكلىسە ئۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا تەسىر يېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي ئەلچىسى لېيۇ شېئامىڭ BBC خەۋەر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئەنگلىيە خۇاۋېينىڭ 5ج مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلمىسا بۇ خۇاۋېيغىلا ئەمەس بەلكى باشقا خىتاي شىركەتلىرىگىمۇ يامان تەسىر كۆرسىدۇ. بۇ يامان تەسىر سودا مۇناسىۋىتىگىلا ئەمەس مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

ئەنگلىيە باش مىنىستىر تېرىسا ماينىڭ باشچىلىقىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك مەجلىسى 4-ئايدا خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى توغرىسىدا يىغىن ئېچىپ خۇاۋېينى 5ج مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا چەكلەش باشقا قىسىملىرىدا چەكلىك ھالدا يولغا قۇيۇش قارارىغا كەلگەن.

خۇاۋېينىڭ 5ج مۇلازىمىتى توغرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى قارار مۇشۇ ھەپتىلەردە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرەپتىن چىقىشى كېرەك ئىدى. لېكىن باش مىنىستىر تېرىسا ماي مىنىستىرلىق ئورنىنى بوشىتىپ بەرمەكچى بولغان سەۋەبلىك بۇ قارار كېچىكمەكچى.

2019/06/17

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here