ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سۈركىلىشلىرى داۋام قىلماقتا

0
481
Iranians burn U.S. flags during a ceremony to mark the 40th anniversary of the Islamic Revolution in Tehran, Iran February 11, 2019. Meghdad Madadi/Tasnim News Agency/via REUTERS ATTENTION EDITORS - THIS PICTURE WAS PROVIDED BY A THIRD PARTY TPX IMAGES OF THE DAY - RC1205408EB0

6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاقىتلىق مۇداپىئە مىنىستىرى پاترك شاناھان ئوتتۇرا شەرقتە ئىراننىڭ كۈچىيىۋاتقان تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن شۇ رايونغا يەنە 1000 نەپەر ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

شاناھان بۇ توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مۇشۇ يېقىندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى، شۇ رايوندا ئىران ۋە ئىران ياللانما ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز ۋە مەنپەئەتلىرىمىزگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلىرى توغرىسىدا ئىلگىرى بىزگە يېتىپ كەلگەن ئاخباراتلار راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.»

ئامېرىكا ئىرانغا ئېمبارگو باشلىغاندىن كېيىن ئىراندا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەن. ئىران ئىقتىسادىنىڭ تومۇرى ھېسابلىنىدىغان نېفىت ساھەسىگىمۇ قويۇلغان ئىمبارگولاردىن كېيىن، ئىران ۋە ئۇنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرى غەرب دۆلەتلەرگە ۋە مەخسۇس ئامېرىكىغا سىياسىي جەھەتتىن بېسىم ئېلىپ كېلىش ۋە دۇنيا نېفىت تىجارىتىگە تەسىر قىلىش ئۈچۈن شۇ رايوندىكى نېفىت تۇرۇبا يولى، نېفىت ترانسپورت پاراخوتى ۋە ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.

5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىراقنىڭ باغدات شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر بازىسىغا 3 دانە راكېتا ئوقى چۈشكەن. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدىكى ئىراق ئارمىيە بازىسىنىڭ يېنىغا بىر دانە راكېتا ئوقى چۈشكەن.بۇ بازىدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرى مەسلىھەتچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرى بار ئىكەن.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى بەسرە ۋىلايىتىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئېسسون شىركىتىنىڭ نېفىت بۇرغىلاش رايونىنىڭ ئەتراپىغا راكېتا ئوقى چۈشكەن بولۇپ، 3 نەپەر ئىشلەمچى يارىلانغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئېسسون شىركىتى شۇ رايوندىن 20 نەپەر چەتئەللىك خىزمەتچىلەرنى جىددىي يۆتكەپ كەتكەن.

ئىراقتىكى بۇ ھۇجۇملارنى شۇ دۆلەتتىكى ئىران شىئە ياللانما ئەسكەرلىرى قىلدى دەپ قارالماقتا.

2019/06/19

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here