ئىران، ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز جاسۇس ئايروپىلانىنى سوقۇۋەتكەن كۆرۈنۈشنى تارقاتتى

0
484


6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىران ھەربىي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز جاسۇس ئايروپىلانىنى سوقۇۋەتكەن كۆرۈنۈشنى تارقاتتى. ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئالاقە ئۇچۇر ۋاستىللىرىدا تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ھورداد 3 تىن ئۇچۇپ چىققان راكېتا ئوقىنىڭ ئاسماندىكى بىر دانە نىشاننى ئۇرغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 

ھورداد 3

چۈشۈپ كەتكەن ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز جاسۇس ئايروپىلانىنىڭ MQ-4C تىپلىق ئايروپىلان ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ جاسۇس ئايروپىلانىنىڭ قىممىتى 180 مىليون دوللار ئىكەن.

MQ-4C

ئىران، ئامېرىكىغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز جاسۇس ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئامېرىكا تەرەپ بولسا ئۇچقۇچىسىز جاسۇس ئايروپىلان چۈشۈرۈلگەن ۋاقىتتا خەلقئارا ھاۋا تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىران، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاۋاد زارىف ئۇچۇر ئالاقە ھېسابىغا ئۇچقۇچىسىز جاسۇس ئايروپىلان سوقۇلغاندىن كېيىن ئىران دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى يازغان.

ئۇچقۇچىسىز جاسۇس ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن نۇقتىسىنىڭ كوردىناتىنى ئاشكارىلىغان جاۋاد زېرىف: « 00:14 ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن مەخپىي ئۇچقان ئامېرىكىغا تەۋە ئۇچقۇچىسىز جاسۇس ئايروپىلان، ئىران ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن 04:05 دە كۆخمۇبارەك يېقىنلىرىدا ’25°59’43″N 57°02’25″E’ كوردىناتتا نىشانغا ئېلىندى. ئامېرىكا جاسۇس ئايروپىلانىنىڭ پارچىللىرى قولىمىزدا».


2019/06/22

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here