سودا ئۇرۇشى ۋە خىتايغا قوشنا دۆلەتلەر

0
315

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشلىرى ئاسىيا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتنىڭ ئازلىشىغا سەۋەب بولدى. بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇ ئەھۋالدىن پايدىمۇ ئالغان بولدى. كورىيە ۋە ۋيېتنام بولسا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان دۆلەت ھېساپلىندۇ. بۇلارنىڭ پايدىلانغان سەۋەپلىرىدىن بىرى بولسا خىتايدىكى بەزى ماركىلىق مەھسۇلات شىركەتلىرى زاۋۇتلىرىنى باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەشى ئىدى.

ئامېرىكا خىتايدىن ئېكسپورت قىلىدىغان ماللارغا باج ئۆستۈرۈشنى باشلىشى بىلەن ئاسىيا دۆلەتلىرى ئامېرىكا بىلەن بولغان بەزى سېتىشلاردا زىيان تارتتى بولسىمۇ يەنە بەزى دۆلەتلەرنىڭ تىجارەت سوممىسى ئۆسۈشكە باشلىغان ئىكەن. مەسىلەن كورىيىنىڭ 52،6% ، ۋيېتنامنىڭ بولسا 43،5% گېچە ئۆسۈش كۆرۈلگەن.

ۋيېتنامنىڭ سېتىش ئېشىشى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە يۈزدە 38،3% ئاشقان. ۋيېتنامدىن يۈزدە 17،1% ئالدىدا بولغان كورىيىگە يۈزدە 12.5% بىلەن ھىندىستان ئەگىشىپ ماڭغان. ئامېرىكىنىڭ قىتئەلەر بىلەن تىجارەت سوممىسى، 2019-يىلنىڭ ئالدىنقى 4 ئايدا 2018-يىلنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا يۈزدە 2،5% ئازلىغان. ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بارىدىغان تاشقى سودىسى بولسا يۈزدە 1،4% چېكىنگەن.

شىركەتلەر باجنىڭ ئۆسۈشى نەتىجىسىدە خىتايدىن چېكىنىۋاتىدۇ

خىتاي ئۇزۇندىن بېرى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىشلەپچىقىرىش بازىرى بولۇپ قالغان. خىتايدا تەمىنلىگۈچىلەر، قۇراشتۇرۇش سېخلىرى، ئىشلەمچىلەر ۋە مۇتەخەسىسىلەر تېپىلىدۇ. شىركەتلەر بولۇپمۇ گۇگۇلدەك چوڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ياساش ئۈچۈن خىتايغا تايىنىدۇ.

لېكىن بىر يىل ئىلگىرى باشلانغان ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيىسى، تاموژنا باجلىرىنى ئۆستۈرۈش سەۋەبلىرى بىلەن شىركەتلەر ۋە زاۋۇتلىرىنى خىتايدىن باشقا يەرلەرگە يۆتكەپ كېتىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە باشلىغان ئىكەن.

ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ 5-ئاينىڭ 13-كۈنى تىۋېتىر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا :« باج قۇيۇلغان شىركەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىن ۋېيتنامغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە كۆچۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي بۇ سەۋەبتىن بىر كېلىشىم ئىمزالاشنى خالايدۇ» دېگەن.

2019/06/25

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here