ئامېرىكىنىڭ تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شەرقىي تۈركىستان لاگېرلىرى

0
565

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى (MIT)، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار شىركىتى ئىفليتېك بىلەن ھەمكارلاشقان. خىتاينىڭ بۇ شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى ۋە توپلام يىغىۋېلىش لاگېر مەسىلىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان خىتاي ساقچىلىرى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋىتىنىڭ بار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

2016-يىلىدا ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي بىلەن ئىفليتېك نامىدا قۇرۇلغان بۇ شىركەت، 25 تۈرلۈك ئاۋاز تونۇش سىستېمىسى ئۇيغۇر رايونلىرىدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلغان. بۇ سىستېما ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن بىر يېشىل دېتال قاتارىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن.

2017-يىل 5-ئايدا تارقالغان ۋېچات بىلوگ يازمىلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىفليتېك شىركىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونلىرىدىكى تۇرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن “ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىشىش كېلىشىمنامىسى” ئىمزالىغان.

ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ئورگانلىرىنىڭ بۇ يېڭى ئاۋاز تونۇش سىستېمىسىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئىفليتېك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە باشقا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى توغرىسىدا رۇيتېرىس ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىشنى رەت قىلغان. بەزى بىر باياناتلاردا ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە تەتقىقات ئورنى بۇ تەتقىقاتىنىڭ “گۈزەل بىر دۇنيا ئۈچۈن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى كېڭەيتىش” مەقسىتىدە ۋە ئىفليتېكنىڭ “جەمئىيەت” نىڭ بىخەتەرلىكىدىن سورىلىدىغان بىر شىركەت ئىكەنلىكىنى دېگەن.

ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى ئىفليتېك شىركىتى بىلەن بەش يىللىق ھەمكارلىق تۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئىككى شىركەتنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ ئىچىدە ئاۋاز تونۇش سىستېمىسىنىڭ بار يوقلۇقى توغرىسىدا سوئاللار پەيدا بولغان ئىدى.

خەلقئارالىق پائالىيەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى توپلام يېغىۋېلىش لاگېرىدىكى مۇسۇلمانلارنى سوراق قىلىش مەقسىتى بىلەن بۇ سېستىمنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لاگېرلارنى “دوختۇرخانا” دەپ چۈشەندۈرگەن خىتاي تەرەپ، ئامېرىكا تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن بىرلىكتە ياساپ چىققان ئاۋاز تونۇش سېسىتىمىسىنى ۋە ئاۋاز ئايرىش تېخنولوگىيىسىنى “ساقلىق خىزمىتى” نامىدا بۇ لاگېرلاردا قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2019/06/26

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here