تىرامپ بىلەن شى ياپونىيىدە كۆرۈشمەكچى

0
205

6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت خەزىنە مىنىستىرى ستېۋىن مېنۇچىننىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىسى تۇغرىسىدا 90% كېلىشىم ھاسىل بولغان ئىكەن.

مېنۇچىن تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە مۇنداق دېگەن : «بىز خىتاي بىلەن بىر ئىتتىپاققا كېلىشكە %90 يەرگە يەتتۇق . بۇنى 100% قىلىشقا يول بار»

ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ مۇشۇ ھەپتە ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان G20 يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىكەن . بۇ كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىكەن.

مېنۇچىن خىتاي مەسىلىسىدىن سىرت ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قۇيۇپ كېلىۋاتقان ئېمبارگولار توغرىسىدا سورالغاندا “ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئىرانغا قارشى ياخشى نەتىجە كۆرسىتىۋاتىدۇ “دېگەن.

2019/06/27

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here