تىرامپ خۇاۋېيغا قويغان قارارىدىن يېنىۋالدى

0
1042

ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان G20 باشلىقلار يىغىنىدا ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرۈشتى.

ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ، “ئەگەر خىتاي بىلەن ئادىل تىجارەت كېلىشىمى ئىمزالىيالىساق بۇ تارىخى بىر ئىش بولىدۇ. بىز بۇنىڭغا تەييار .” دېدى.

تىرامپ، خىتاي رەئىس بىلەن ئوتتۇرسىىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا ” 2017-يىلىدا خىتايغا قىلغان زىيارىتىنىڭ پەۋقۇلادە ساياھەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.” دېگەن تىرامپ “ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتى ئىلگىرى ياخىش ئىدى، ھازىر يەنە يېقىنلىشىقا تىرىشىۋاتىمىز” دېدى.

دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان تاموژنا بېجى كۈرىشى، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئاخىرقى قېتىمقى سودا كېلىشىمى مۇزاكىرىلىرى يېرىم يولدا توختاپ قىلىشى سەۋەبىدىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.

6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ دېيىشىچە تىرامپ، G20 يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى بىلەن سودا سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا ماقۇل بولغان. تىرامپ يەنە خىتاينىڭ تېخنولوگىيە شىركىتى بولغان خۇاۋېيغا چىقارغان قارارلىرىدىن يېنىپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خۇاۋېيغا تېخنولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا يول قۇيىدىغان ۋە خىتاينىڭ 300 مىليارد دوللارلىق مېلىغا قۇيماقچى بولغان %25 تاموژنا بېجىنى كېچىكتۈرىدىغان بولغان. بۇنىڭغا قارىتا تىرامپنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئامېرىكىدىن خېلى كۆپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا ماقۇل كەلگەن.

تىرامپ شى بىلەن بولغان سۆھبەت توغرىسىدا “بىز نۇرغۇن ئىشلاردا پاراڭلاشتۇق، سودا سۆھبىتىمىز جايىغا قايتتى. ئەمدى نېمە ئىش بولىدىغىنىغا قارايلى. سۆھبىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى” دېگەن.

2019/06/29

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here