ئامېرىكا كامبودژانى خىتاي ئارمىيىسىگە ئورۇن بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى

0
354

7-ئاينىڭ 1-كۈنى رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىدا تارقاتقان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئورگىنى كامبودژا ھۆكۈمىتىدىن “نېمە سەۋەبتىن ئامېرىكىنىڭ كامبودژادىكى بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى رېمنوت قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ياردەم بېرىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقنى” چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. ئامېرىكا تەرەپنىڭ دېيىشىچە، كامبودژانىڭ بۇ پوزىتسىيىسى “خىتاينىڭ كامبودژاغا بازا قۇرۇماقچى بولغان” پەرەزلىرىمىزنىڭ راست بولۇپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى دىگەن.

رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودژانىڭ مۇداپىئە مىنىستىرىغا ئەۋەتكەن رىسالىسىدە، “خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەسكىرى مەۋجۇتلۇقىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن” ئىكەن.

ئامېرىكا  ھۆكۈمىتىنىڭ كامبودژاغا يوللىغان خېتىنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرىلىىقىنىڭ جەنۇب ۋە شەرقىي جەنۇب ئاسىيا رايونىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى جوزېف شېلتېر تەرىپىدىن يوللانغان بولۇپ، بۇ خەتتە كامبودژا ھۆكۈمىتىدىن نېمە سەۋەبتىن كامبودژانىڭ  “Ream” دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئامېرىكا تەرەپتىن ياساپ بېرىلىشىنى رەت قىلغانلىقىنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى جوزېف كامبودژا مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال تې باغا ئەۋەتكەن خېتىدە: “2019-يىلى 6-ئايدا سىلەر ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆرۈپ چىقتى ۋە سىلەرنىڭ بۇ پوزىتسىيىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى، “Ream” دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا بولغان ئۆزگىرىشلەر “خىتاي ئارمىيىسىنى شۇ بازىغا جايلاشتۇرۇشى مۇمكىن”دېگەندەك پەرەزلىرىمىزنى كۆپەيتىپ قويدى” دەپ يازغان.

كامبودژا بولسا خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇب ئاسىيادىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي كامبودژاغا نەچچە مىليارد دوللار ياردەم بېرىشتىن سىرت يەنە كامبودژا ھۆكۈمىتىنى غەرب دۆلەتلەرنىڭ بېسىملىرى ئالدىدا سىياسىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتىدۇ.

“Ream” دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولسا تايلاند قولتۇقىنىڭ قىرغاقلىرىغا جايلاشقان كامبودژا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بازىسى بولۇپ، 2010-يىلدىن باشلاپ CARAT پىروگراممىسى ئاستىدا ھەر يىلى كامبودژا ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئورتاق مەشىق ۋە مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.

2019/07/02

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here