رۇسىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

0
546

7-ئاينىڭ 1-كۈنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن، ئامېرىكا تۈرمىسىدىكى رۇس ئۇچقۇچى كونستانتىن ياراشىنكوغا ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

بەزى مەنبەلەرنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيە 2019-يىلنىڭ بېشىدا جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان سابىق دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ئەسكىرى پائۇ ۋخېلان بىلەن ياراشىنكو نى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ياراشىنكو بولسا ئامېرىكىدا 20 يىللىق قاماققا ئېلىنغان رۇس ئۇچقۇچى بولۇپ، 2010-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە قىسمى لىبېرىيىدە كوكائىن ئەتكەسچىسى دەپ قولغا ئېلىپ ئامېرىكىغا ياندۇرۇپ كەلگەن.

Interfax خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرجې رېيادكوۋ ” ياراشىنكونى قۇيۇپ بېرىڭلار، رۇسىيە تۈرمىسىدىكى ئامېرىكىلىقلارغا تېگىشەيلى” دېگەن ئىكەن.

2019/07/02

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here