قانداق ھالەتتە خىتاي، ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم تۈزىيەلەيدۇ؟

0
311

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا كېلىشىمىدا بىر ئىتتىپاققا كېلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا مۇشۇ سودا ئۇرۇشى باشلانغاندىن تارتىپ خىتايغا قويغان يېڭى تاموژنا بېجىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

7-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي دۆلەت تەشۋىقاتىغا يېقىن بولغان بىر تور بەتنىڭ (بىلوگ) دېيىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىدىن يېنىۋالمىسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتى يەنە داۋاملىق كەينىگە چېكىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ بىلوگى يەنە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا باجلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشى بولسا، سودا سۆھبەتلىرىدە خىتاينىڭ پوزىتسىيىسى ئۆزگەرمەيدىغان بىر مۇھىم تەلىپى ئىكەن.

گەرچە ئالدىنقى ئايدا تىرامپ بىلەن شى جىنپىڭ سودا سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا، ھەمدە ئامېرىكا خىتايغا قويماقچى بولغان يېڭى باجلارنى توختىتىپ قۇيۇش ۋە خۇاۋيې شىركىتىگە تۇتقان ئاخىرقى پوزىتسىيىسىدىن يېنىۋېلىشقا ماقۇل كەلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئىككى دۆلەت سودا مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدىغان ۋاقىتنى تېخىچە ئېلان قىلمىغان.

7-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاي ئىقتىسادى مىنىستىرلىق باياناتچىسى گاۋو فېڭ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىككى تەرەپ بىر كېلىشىمگە ئىتتىپاققا كەلمەكچى بولسا بىر-بىرىگە قويغان باجلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. بىزنىڭ بۇ توغرىسىدىكى پوزىتسىيىمىز ئېنىق ۋە ئۆزگەرمەيدۇ.»

2019/07/07

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here