ئامېرىكا تۈركىيىنى ئوتتۇر دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى

0
203

7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە دائىرىلىرىدىن سىپرۇس ئارىلىنىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇرغىلاش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ باياناتىدىن بىر كۈن ئىلگىرى گىرىك سىپرۇس تۈركىيىنىڭ شۇ رايونغا يېڭىدىن ئېلىپ كەلگەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بۇرغىلاش پاراخوتىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: «بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى بۇ رايوندىكى سۈركىلىشلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىز تۈركىيە دائىرىلىرىدىن بۇ ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا چاقىرىمىز.» دېگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ باياناتىغا قارىتا مۇنداق دېگەن: « بىز شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇرغىلاش خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز، بۇ ھەرىكەت دۇنيا قانۇنى بىلەن مۇۋاپىق.»

گىرىك سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى بايلىق بار بولغان بۇ دېڭىز سۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭكى دەپ داۋا قىلىپ كەلمەكتە. تۈركىيە بولسا بۇ سۇلار گىرىك سىپرۇسنىڭ ئەمەس بەلكى سىپرۇس ئارىلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تۈرۈك سىپرۇسنىڭمۇ ھەققى بار دەپ قارىماقتا. شۇڭا بۇ رايوندا بۇرغىلاش ھەرىكىتىنى باشلاش ئۈچۈن ئىجازەتنى تۈرۈك دائىرىلىرى تۈرۈك سىپرۇسدىكىلەردىن ئالغاندىن كېيىن ئىش باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2019/07/10

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here