خىتاي، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشىغا قارىتا نارازىلىق مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن

0
163

7-ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاينىڭ مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئارمىيىسى يېقىنقى كۈنلەردە شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز قىرغاقلىرىدا ھاۋا ۋە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. بۇ مانېۋىرنى ئېلىپ بېرىلغان كۈن ئاشكارلانمىغان. كۆزەتچىلەر” بۇ مانېۋىر ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 2.2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشكە ماقۇل كەلگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن ” دېيىشمەكتە.

خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغاقلىرى، يەنى خىتاينى تەيۋەن بىلەن ئايرىپ تۇرىدىغان تەيۋەن بوغۇزى بولسا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ نازۇك رايونلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

7-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە سېتىلىدىغان 2.2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قورال-ياراغ تىجارىتىگە ئارىلاشقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2019/07/14

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here