ئىتالىيىدە ئاشقۇن ئوڭچىل گۇرۇپپىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە “800 كىلوگراملىق راكېتا” قولغا چۈشتى

0
211

7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى مېفا نېۋىس خەۋەر تور بېتىدە تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئاشقۇن ئوڭچىل ناتسىس گۇرۇپپىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى ھەرىكەتتە، بىر دانە راكېتا ۋە كۆپ مىقداردا ئاپتوماتىك قوراللار قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئۇكرائىنىنىڭ دونداسس رايونىدا جەڭگە قاتناشقان رۇسىيىگە چېتىشلىق گۇرۇپپا دەپ گۇمانلانغان ئاشقۇن ئوڭچىل ناتسىس گۇرۇپپىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ ھەرىكەتتە ئىككىسى ئىتالىيىلىك بىر شۋېتسارىيىلىك گۇمانلىق دەپ قارالغان ئۈچ كىشى فورلې ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان.

بۇ گۇرۇپپىنىڭ “800 كىلوگراملىق راكېتا” سېتىشقا ئۇرۇنغانلىقى بىلىنگەن. بۇ راكېتا قاتار ئارمىيىسى تەرىپىدىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان راكىتا ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان. قولغا ئېلىنغان ئىككى نەپەر ئىتالىيىلىكنىڭ بىرى بولسا ئاشقۇن ئوڭچىل ناتسىس فورزا نۇوۋا پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئىكەن.

2019/07/16

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here