ئېربىلدا ئۈچ نەپەر تۈرۈك دىپلومات نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى

0
296

7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىراقنىڭ ئېربىل شەھىرىدىكى بىخەتەرلىك مەسئۇللىرى ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ نەپەر تۈرۈك دىپلوماتنىڭ ئۆلتۈرۈلگىنى ئاشكارىلىغان. رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقى قوراللىق كىشىلەر دىپلوماتلار ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقاندا ئوق چىقارغانلىقىنى تارقاتقان.

ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ قوراللىق ھۇجۇمدا تۈركىيىنىڭ ئېربىل باش كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تارقاتقان. ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىغا كەلگەن خەۋەرلەردە ئېربىل باش كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان دىپلوماتلار ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

ئىراق دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بولسا ئۆلگەن كىشىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

2019/07/17

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here