مالايسىيا خىتاي شىركىتىنىڭ ھېساباتىنى توڭلاتتى

0
421

7-ئاينىڭ 15-كۈنى مالايسىيانىڭ باش مېنىستىر ماھاتىر مۇھەممەدىنىڭ دېيشىچە، مالايسىيا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ نېفىت تۇرۇبا يول ئىنجىنىرلىق شىركىتىنىڭ مالىيەسىدىكى ھېساباتتىكى 243.5 مىليون دوللار پۇلنى مۇسادىر قىلغان.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ماھاتىر مۇھەممەد مېنىېستىرلىق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن مالايسىيا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ شىركىتىنىڭ كۆتۈرە ئالغان 2.3 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 2 نېفىت تۇرۇبا ياساش قۇرۇلۇش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن.

ماھاتىر مۇھەممەد مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن : «مېنىڭ بېلىشىمچە بۇ تۇرۇبا يولىنىڭ %80 چىقىمىنى بىز تۆلەپ بولغان. لېكىن پەقەت ئىشنىڭ %13 پىرسەتنتى پۈتكەن. شۇڭا بىز بۇ قۇرۇلۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەندىن كېيىن قېلىپ قالغان پۇلنى ئېلىپ قېلىش ھەققىمىز بار»

2019/07/18

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here