ئامېرىكا ئالىي كېڭىشى تۈركىيىگە س-400 سەۋەبىدىن يېڭى ئېمبارگو پىلانىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

0
308

7-ئاينىڭ 19-كۈنى رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى ئالىي پالاتا ئەزاسى رېچك سكوت ۋە تود توڭ ئامېرىكا كېڭىشىگە رۇسىيىدىن س-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغان تۈركىيىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئۈچۈن بىر قارارنامە سۇنغان.

بۇ قارارنامە لايىھىسىنى رۇيتېرىس ئاگېنتلىقى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ ئۇنىڭدا؛ تۈركىيىنىڭ س-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت دەپ تونۇشتۇرۇلغان.

بۇ قارارنامە ماقۇللانغان تەقدىردە ” ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرى ئېمبارگو ئارقىلىق جازالاش قانۇنى” نىڭ مەزمۇنى بويىچە پۈتۈن قارارنى يۈرگۈزمەكچى ئىكەن.

جۇمھۇرىيەتچى ئالىي پالاتا ئەزاسى رېچك سكوتنىڭ نىشانىدا تۈركىيە پىرىزدنتتى بولۇپ ئۇنى دۆلەتنى دېكتاتۇرىزىم بىلەن باشقۇرۇش ۋە ئىنسان ھەقلىرى قارشى ھەركەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

جۇمھۇرىيەتچى ئالىي پالاتا ئەزاسى ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپقا تۈركىيىنىڭ دائىمىي ناتو ئەزالىقىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن ناتو يىغىنى ئېچىشقا چاقىرغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر ھازىرلىغان بۇ قارارنامە كېڭەش پالاتاسى ئارقىلىق تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىدىن دېمكوراتچىلارغا يېتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بوب مېنېندېزمۇ بۇ قارارنامىنى قوللىغان.

مېنېندېز تۈركىيىنى ف-35 پروگراممىسىدىن چىقىرىشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى توغرىسىدا يازغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: « قانۇنلار ئاشكارا، رۇسىيەنىىڭ مۇداپىئە ۋە ئىستىخبارات دائىرىلىرى بىلەن ئىشلىگەنلەر ئۈچۈن جازالار بېرىلىدۇ. س-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. تىرامپ “ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرى ئېمبارگو ئارقىلىق جازالاش قانۇنى” ماقۇللىمىغان تەقدىردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مەجبۇرلىيالىغۇدەك بىر پىلان تەييار قىلىدۇ. »

2019/7/19

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here