ئۇيغۇر مەسلىسىدىكى 22 دۆلەتكە قارشى 37 دۆلەت

0
314

پىدائىي يازغۇچى : ئەلى ئوسمان

7- ئاينىڭ 10- كۈنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، گوللاندىيە، يېڭى زېللاندىيە، نورۋېگىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق 22 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە لاگېر مەسىلىسىگە قارشى مەكتۇپ يوللىغان. بۇ مەكتۇپ يوللىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن يۇقىرىقى 22 دۆلەتكە قارشى رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، ئومان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، كۇۋەيت، ئالجىرىيە، سۈرىيە، تاجىكىستان، بېرما، نېگىرىيە، فىلىپپىن، ئانگولا، بېلورۇسىيە، بۇركىنافاسو، برونې، كومورو، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كۇبا، چاۋشيەن، ئېرىترىيە، گابون، كونگو جۇمھۇرىيىتى، لائوس، سومالى، ۋېنېزۇئېلا، زىمبابۋې، مىسىر، توگو، كامبودژا، سۇدان، جەنۇبىي سۇدان، تۈركمەنىستان، كامېرۇن ۋە بولىۋىيە قاتارلىق 37 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قوللاپ مەكتۇپ يازغان.

بۇ خەۋەر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تېز تارقىلىپ، ھەممىمىز خەۋەر تاپتۇق. بەزى كىشىلەر بۇ سىياسىي ئويۇنلارنى چۈشەنمەي تېخىچە «ئامېرىكا بىزنى قوللايدۇ» دېگەن ئۈمىد ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. دۇنيا سىياسىتىنى چۈشىنىشىمىزدە ئاجىز بولغانلىقتىن بۇ ئويۇننى ھېس قىلىپ بولالمىدۇق. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى قوللىغان 22 دۆلەت بولسا، ئەمەلىيەتتە ب د ت غا خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللاپ مەكتۇپ يازغان 37 دۆلەتتىن مەمنۇن بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاينى قوللىغان كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئامېرىكا، فرانسىيە ياكى ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سىياسىي جەھەتتىن بېقىنىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ــــ بۇ 37 دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى بەزى دۆلەتلەردە ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرىي بازىلىرى مەۋجۇت. ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بۇ 22 دۆلەتنىڭ خىتايغا قارشى بىرلىكىگە باشقا دۆلەتلەر قارشى چىقمىغان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلانى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى بىر قارار چىقىرىشى كېرەك ئىدى. مانا بۇ ــــ خىتايغا سىياسىي جەھەتتىن بېسىم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان سىياسىي ئويۇنلاردۇر.

بۇنىڭدىن ئازراق ئىلگىرىكى ئەھۋالغا قاراپ باقىدىغان بولساق، بۇنداق سىياسىي ئويۇنلار بىر نەچچە قېتىم ئوينىلىپ بولغان. بۇنىڭ مەشھۇرراق مىسالى بولسا، ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق سىياسىيونلاردىن بىرى بولغان نوئام چومسكې 2012- يىل 7- ئايدىكى بىر زىيارەتتە: «ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى سۈرىيە مەسىلىسىگە قەستەن ئارىلاشمايۋاتىدۇ. ئۇلار: <زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئارىلىشىمىز دېسەك، رۇسىيىنىڭ بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قوللانغان ۋىتۇسى بىزنى چەكلەپ قويىدۇ> دەپ دەۋا قىلىشىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئامېرىكا ۋە ياۋروپا) بەششارغا قارشى سۈرىيىگە كىرمەكچى بولسا، رۇسىيىنىڭ ۋىتۇسىنى ئېتىراپ قىلماي كىرىۋېرىدۇ. ھەقىقەتتە ئۇلار رۇسىيىنىڭ ۋىتۇسىدىن خۇرسەن. چۈنكى بۇ ئۇلارغا بەششارغا قارشى بىر ئىش قىلماسلىققا باھانىدۇر. توغرا! ئامېرىكا ئازراق بولسىمۇ بەششارغا قارشى چىققانلارنى قوللاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى بولسا، توغرا! بەششار بىر دىكتاتور. لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا كىم چىقىدۇ؟ بەششار بولسا غەربنىڭ سىياسىتىگە ماسلىشىپ كېلىۋاتقان ۋە بىزنىڭ مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغداپ كېلىۋاتقان تۇرسا، بىز تارىختىن بۇيان بەششاردىنمۇ ۋەھشىي دىكتاتۇرلارنى قوللاپ كەلگەن تۇرساق» دېگەن.

بۇ قېتىمقى ئىشنىڭ سېنارىيىسىنى مۇنداق مۆلچەرلەش مۇمكىن. (بۇ پەقەت ئاپتورنىڭ كۆزقارىشى.) دەسلەپتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 22 دۆلەت خىتايغا قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خەت يېزىش ئارقىلىق خىتايغا بېسىم قىلىپ بەزى نەرسىلەرگە ماقۇل كەلتۈرمەكچى بولغان. ئاندىن خىتاي ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل كەلگەن. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يازغان مەكتۇپىدىن يېنىۋالالمايدۇ. شۇڭا ئامېرىكا دۇنيادىكى ئابرۇيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بەزىبىر كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارايدىغان ۋە دۇنيادا ئانچە ئابرۇيى بولمىغان ئىتتىپاقداشلىرى ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتاينى قوللايدىغان مەكتۇپنى سۇنغان بولۇشى مۇمكىن.

2016- يىلى ئامېرىكىدىكى مەشھۇر سىياسىي تەتقىقات مەركىزى «RAND» ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوللىشى بىلەن «خىتاي بىلەن ئۇرۇشۇش ــــ ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان ئىشنى ئويلىشىشتۇر» دېگەن تېمىدا 116 بەتلىك تەتقىقات دوكلاتى يېزىپ چىققان. بۇ دوكلاتتا: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جەڭ بولۇپ قالسا، بۇ ئۇرۇش ئىككى دۆلەتنىلا ۋەيران قىلىپ قالماستىن بەلكى دۇنيانىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا بۇ بىر ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان مەسىلىدۇر» دېيىلگەن. «RAND» تەتقىقاتچىلىرى بۇ دوكلاتتا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسكىرىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «ئامېرىكا-خىتاي ئۇرۇشى ئۇزۇن مۇددەتلىك قىممەت ئۇرۇش بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئۇرۇشنى ئاسان ئويلاشقا بولمايدۇ، بۇنىڭغا كۆپرەك ئىزدىنىشىمىز كېرەك» دېگەن.

«RAND» تەتقىقاتچىلىرى يەنە: «ئامېرىكىدا ئۇرۇش تەھلىللىرى ئۇرۇش پىلانلىغۇچىلىرىنىڭ ئىشى بولۇپ كەلمەكتە، لېكىن بۇ يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئۇرۇش پىلانلىغۇچىلار ئەسكىرىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنىلا ئويلايدۇ. ئۇلار بىر ئۇرۇشنى باشلاش بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي زىيانلاردىن قانداق قىلىپ ساقلىنىشنى ئويلىشىپ بولالمايدۇ. ئامېرىكا-خىتاي ئۇرۇشىدا غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتتىن سىرت پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىدا چوڭ چېكىنىش بولىدۇ ۋە ھازىرقى دۇنيا تەرتىپى قالايمىقانلىشىدۇ» دېگەن. بۇ مەركەزنىڭ تەتقىقاتىدا ئامېرىكا-خىتاي ئۇرۇشىدىكى ئېھتىماللىقلارنى ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرىنى يېزىپ كېلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇرۇشتىن باشقا (ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي) يوللار ئارقىلىق خىتايغا بېسىم قىلىشنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ھازىر دۇنيانىڭ ئىككىنچى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىمۇ خىتاي ئىقتىسادىغا باغلىنىپ قالغان ھالەتتە كېتىپ بارىدۇ. دۇنيا خىتاينىڭ تۇيۇقسىز ئاجىزلىشىپ كېتىشنى خالامدۇ؟ يېقىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تور زىيارىتىدە: «خىتاينىڭ يىقىلىپ كېتىشىنى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر خالىمايدۇ. ئەگەر ئۇ يىقىلىپ كەتسە، ئۇنى كۆتۈرىدىغان دۆلەتلەر بار» دېگەن.

يېقىندا ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيىسى ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان. (ئاڭلىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە قىسقىچە سۇنۇشنى توغرا تاپتىم.) ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى چىققان 22 دۆلەت ئارىسىدا بار. كىشلىك ھوقۇقنى دەۋا قىلىۋاتقان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك قوللايدۇ؟ ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەردەك ئىنسانلىق يۈزىسىدىن قوللاۋاتامدۇ ياكى خىتايغا بېسىم قىلماقچى بولۇپ قوللاۋاتامدۇ؟ قېنى بۇ تېلېۋىزىيە سۆھبىتىگە بىر قاراپ باقايلى!

7- ئاينىڭ 10- كۈنى ئاۋسترالىيە «ABC» قانىلى سوئال-جاۋاب پروگراممىسىنىڭ يۇتۇب قانىلىغا قويغان بۇ تېلېۋىزىيە سۆھبىتىگە ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتا رەئىسى ئىسكوت رايان، «ANU» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات پروفېسسورى ھىيۇ ۋايېت، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ئەزاسى پېننى ۋوڭ، مۇستەقىل تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن توم سېۋېتزېر ۋە كىشلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى دىئاننا سايېد قاتارلىقلار قاتناشقان.

بۇ سۆھبەتتە پروگراممىنىڭ تاماشىبىنلىرىدىن بىرى مۇنداق سوئال سورىغان: «ھازىر 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار خىتاي لاگېرلىرىدا تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، ھەتتا بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرى تارتىۋالغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى. ئاۋسترالىيە دۆلىتىمىز بۇرۇنمۇ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلغان زىمبابۋې، بېرما ۋە سۈرىيىدەك دۆلەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. مېنىڭ سوئالىم شۇكى، ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان بۇ زۇلۇمنى توسۇش ئۈچۈن بىز كۆپرەك بىر ئىش قىلالامدۇق؟ ياكى بولمىسا بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىمىز ئەخلاقىي ۋىجدانىمىزنى بېسىپ چۈشەمدۇ؟».

رىياسەتچى بۇ سوئالغا باشتا توم سېۋېتزېرنىڭ جاۋاب بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

توم سېۋېتزېر بۇ سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «مەنمۇ سىز تارتىۋاتقان دەردنى ھېس قىلالايمەن. سىز سورىغاندەك كىشىلىك ھوقۇق بىر ئالىيجاناب ئىش. ھۆكۈمەتلەر بولسا تاشقى ئىشلار سىياسەتلىرىدە مۇناسىۋەت قىلماقچى بولغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قارايدۇ. لېكىن ھېچبىر ئەقلى جايىدا كىشى خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىگە قارىتا خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزىشىمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ. بۇ بىر تەس مەسىلە. ئەمدى بۇ پروگراممىمىزنىڭ بېشىدىكى سوئالغا قايتساق، بىز ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىمىزگە قانداق مۇئامىلە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك؟ خىتايغا قانچىلىك قاتتىقلىق قىلالايمىز؟».

ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق كىشىلىك ھوقۇق ئادوۋكاتى دىئاننا سايېد ھۆكۈمەتنىڭ سودا ھەمكارلىقنى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن قويغانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن ۋە تومغا: «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا تېخمۇ قاتتىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك» دېگەن.

توم سېۋېتزېر دىئانناغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئۆزىمىزنى ئالىيجاناب چاغلىغاندىن سىرت، خىتايغا قارىتا بىز قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك بىر ئىش قىلالايمىز؟ (يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىز نېمە قىلالايمىز؟)».

ھىيۇ ۋايېت سۆھبەتكە قاتنىشىپ: «بىز بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز، لېكىن يەنە بىر تەرەپكە قارىساق، بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئىقتىسادىمىزنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ. بىلەمسىز؟! ئەگەر سىز كۆپ ئاۋسترالىيىلىكلەردىن: <سىلەرنىڭ ئىقتىسادىڭلارنىڭ كەلگۈسى نېمە؟> دەپ سورىسىڭىز، ئۇلارنىڭ جاۋابى <خىتاي> بولىدۇ. شۇ ئىش مەلۇمكى، ئەگەر بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتساق، ئۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىمىز ئىقتىسادىمىزغا ئېغىر تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمدى سىز زىمبابۋېدەك دۆلەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىمىزنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتىڭىز. زېمبابۋېدەك دۆلەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزسەك بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا ھېچبىر تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن خىتايدەك دۆلەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈسەك ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ» دېگەن.

ئاخىرىدا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت ئەزاسى ئىسكوت رايان مۇنداق دېگەن: «قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەن ھىيۇ، توم ۋە پېننىنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى قوللايمەن. بىز خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىمىز. لېكىن خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتساق، ئۇ ۋاقىتتا خىتايغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيمىز، ئەكسىچە، ئاۋسترالىيە چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مەن دېمەكچى، بىز ھەقىقەتنى دېيىشتىن خىجىل بولماسلىقىمىز كېرەك، ئىقتىسادىي ئېمبارگونى بىز تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتلەرگە قوللىنىشىمىز كېرەك».

مانا قېرىنداشلار! يۇقىرىقى سۆزلەر بولسا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە يېقىن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى. پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇق ئادوۋكاتى دىئاننا ئۇيغۇرلارغا ياردەم بىرىشتە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىنىڭ بىزنى قوللىشى مۇشۇ سۆزلەر بىلەن ئاياغلىشىدۇ.

ئۇنتۇپ قالمايلىكى، ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللىغان 22 دۆلەتنىڭ بىرى ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى «سىياسىي ئويۇن» ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر خىتايغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن بەزى مىللەت ۋە دۆلەتلەردىن پايدىلىنىدۇ. خىتاي بىلەن بولغان سودا شېرىكچىلىكىدىن قۇرۇق قالماسلىق ۋە ئىقتىسادىغا تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنالمايدۇ.

بۇ ئىشلار ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، چۈنكى بىزمۇ مىللىتىمىزنى ئويلىغاندەك، ئۇ دۆلەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ مىللىتى، دۆلىتى ۋە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ھازىر شۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقىنى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان بىر كوزىر بولۇپ قالدۇق. ئەگەر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بۇ 22 دۆلەت خىتايغا رەسمىي بىر ئىش قىلماقچى بولغان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتاينى قوللاپ خەت يازغان 37 دۆلەتنىڭ قارارى ئۇلارنى توسۇپ قالالمايتتى.

ئامېرىكىنىڭ 2003- يىلى ئىراققا ئۇرۇش ئېچىشىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يول قويغانمىدى؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى كوفى ئاننان 2004- يىلى 9- ئايدا «BBC» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا: «ئىراق ئۇرۇشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىغا قارشى بىر قانۇنسىز ئۇرۇش» دېگەن. ئامېرىكا ئىراققا ئۇرۇش ئېچىشنى «دۆلىتىگە چوڭ مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ئۇرۇشنى قوللىمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئىراقنى بېسىۋالغان. 

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:

بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ خالىغان ۋاقىتتا قوللىنىدىغان كوزىرلىرىدىن بولۇپ قالمايلى. مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز چوقۇم مۇستەقىل تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ھەمكارلىشىش بىر مەسىلە ۋە باشقا دۆلەتنىڭ قولىدىكى بىر ئەسۋاب بولۇپ قېلىشىمىز، ئۇ بىر مەسىلە. بىزگە جۇغراپىيە جەھەتتىن ئەڭ يېقىن بولغان قوشنىلىرىمىزنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتسەك، 1947- يىلى ئىشغالىيەتچى ئىنگلىزلار ھىند زېمىنىنى ھىندىستان ۋە پاكىستان دەپ ئىككىگە ئايرىغاندىن كېيىن، كەشمىر ھىندىستان بۇددىستلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدە قالغان. مۇستەقىللىقنى كۆزلەۋاتقان كەشمىر خەلقى ھىندىستان بىلەن بولغان ئاداۋىتىدە كەشمىر خەلقىنى ۋاسىتە قىلىپ قوللانماقچى بولغان پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى چۈشەنمەي پاكىستان ھۆكۈمىتىگە تايىنىشقا باشلىغان. مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان كەشمىر خەلقى پاكىستان بىلەن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارارى بىلەن ھەمكارلاشماي پاكسىتاننىڭ قولىدىكى ھىندىستانغا قارىتا خالىغان ۋاقىتتا مەنپەئەتىنى ۋە دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر ئەسۋاب بولۇپ قالغان.

مەنبەلەر:

https://www.rand.org/pubs/research_reports/RR1140.html

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here