خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى “سودا ئۇرۇشى” بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس

0
192

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلاپ 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. GDP (مىللىي ئىشلەپچىرىش ئومۇمىي قىممىتى) مۇ تۆۋەنلەپ 6.2 پىرسەنتكە چۈشتى. ئامېرىكىنىڭ ئىمباگوسى سەۋەبلىك، نۇرغۇن شىركەت-كارخانىلار خىتايدىن ئايرىلىپ چېگرا بېجى ئېلىنمايدىغان دۆلەتلەرگە يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى. گەرچە ئالدىنقى ئايدا ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشىنى توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولىسمۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرىپىدىن قويۇلغان چېگرا بېجى قىممىتى 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان خىتاي ماللىرىنىڭ بېسىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە زور تەسىرى بولدى. لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكىنىڭ قويغان چېگرا بېجى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئەمەس ئىكەن.

خىتاي 2008-يىلىدىكى مالىيە كىرزىسى جەريانىدا كېلىپ چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك قەرزنى كونترول قىلىشقا تېرىشىپ كەلدى. بۇنىڭ تەسىرىدە ئىقتىساد يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولىسىمۇ، لېكىن قىممىتى 40 ترىللىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان ھۆكۈمەت، شىركەت ۋە پۇقرا قەرزلىرىنى پەيدا قىلدى. بۇ قىممەت 2019-يىلى بىرىنچى پەسىللىك GDP نىڭ 300 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ! بۇ غايەت زور سان.

خىتاينىڭ ئومۇمىي قەرزى ھازىر پۇتكۈل دۇنيادىكى قەرزلەرنىڭ 15 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ماليە سىستېمىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى چىڭىتىش، بانكا قەرزىنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرلەزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قەرز ئاساس قىلىنغان ئىقتسادقا تايىنىشنى تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە شەخسىي كارخانىلارنىڭ بانكىلاردىن يۇقىرى سوممىلىق قەرز ئېلىشى تەس بولۇش قاتارلىق سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.

ئۆتكەن بىر يىلدا خىتايدىكى كارخانىلارنىڭ قەزرنى كەينىگە سۆرەش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولدى. بۇ يىلنىڭ ئاۋۋالقى ئالتە ئېيىدا كارخانىلارنىڭ قەرزنى كەينىگە سۆرەش ئىشلىرى ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولدى.

ئىقتىسادنىڭ چۈشۈپ كتىشىگە پۇقرالارمۇ سەۋەبچى بولدى. پۇقرالار ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى ۋە شەخسىي قەرزلەرنىڭ ئېشىشىدىن ئەنسىرەپ قولىدىكى ئىقتىسادلارنى چىقىم قىلىشنى خالىمىدى. مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىمۇ پۇقرالارنى قولىدىكى ئىقسىادلارنى خەجلەشتىن توسۇپ قويدى. بۇ يىلدىن ئالدىنقى يېرىمىدىكى پارچە سېتىش قىممىتى ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا چۈشۈپ 8.4 پىرسەنت بولدى.

ئالمىنىڭ خىتايدىكى سېتىش كەسپىمۇ گۇمران بولدى. ئۇنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تىجارەت كىرىمى ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا 21.5 پىرسەنت چۈشۈپ كەتتى. ئەسلىدە ئالمىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تىجارەت سوممىسى ئومۇمىي سېتىش مىقدارىنىڭ 18 پىرسەنتىنى ئىگىلەيتتى.

ئاجىز بولغان ئاپتوموبىل سېتىش كەسپىمۇ مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمىدا پۇقرالارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۈچۈن قىلغان چىقىمى ئاران 1.2 پىرسەنت ئۆرلىدى.

فورد ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تىجارەت سوممىسى ئىككى يىل بۇرۇنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 22 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. ۋولكسۋاگون شىركىتىنىڭ تىجارەت سوممىسىمۇ 12 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى سودا ئۇرۇشىدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. GDP نىڭ ئەڭ كۆپ ئاشقان ۋاقتى 2007-يىلى بولۇپ، ئېشىش قىممىتى 14.2 پىرسەنت بولغان. لېكىن ھۆكۈمەت ئىقتىسادقا بېسىم ئىشلەتكەندىن بۇيان توختاۋسىز چۈشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى GDP ئېشىش قىممىتىنىڭ 6 پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇشىنى نىشانلىدى.

خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەز قىلغان ئىقتىساد ئاساسىنى تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادقا ئۆزگەتىش ئىشىمۇ ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىدە رولىنى جارى قىلدۇردى. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە پولات-تۆمۈر تاۋىلاش، سېمونت ئىشلەپچىرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق ئېغىر سانائەتنىڭ ئىشلەپچىرىش مىقدارىغا چەك قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلەرنى يۇقىرى قىممەت يارىتالايدىغان كەسىپلەرگە ئالمىشىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى. گەرچە بۇ كەسىپ ئالماشتۇرۇش تېڭشۈن، ئالى بابا ۋە خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلارنىڭ پايدا ئىلىشىغا ئېغىر باش ئاغرىقى تېپىپ بەردى.

خىتاي يېقىندىن بۇيان ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىغا بولغان باجنى كەچۈرۈم قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىىن ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە بۇ ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشمايدىكەن.

شاڭخەي كەييۈەن ئىقتىسادىي رايوننىڭ باشقۇرغۇچىسى Brock Silvers نىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىى ھازىر ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ تېرىشىۋېتىپتۇ. لېكىن كونا ئۇسۇلنى قوللىنىپ يېڭى مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئاقمايدىغان ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: CNN

2019/07/21

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here