ئىران: ئامېرىكا جاسۇسىنى قولغا ئالدۇق

0
224

7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىستىخبارات مىنىستىر مەھمۇد ئەلەۋى، دۆلىتىدىكى “ئامېرىكا ۋە باشقا چەتئەل دۆلەتلەرگە جاسۇسلۇق قىلغانلارنى” قولغا ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ ئەتە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، پايتەخت تېھراندا كېڭەش يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان ئەلەۋى،”تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئامېرىكا ۋە چەتئەل دۆلەتلەرگە جاسۇسلۇق قىلغان مۇھىم گۇرۇپپىنى تېپىپ چىقتۇق. ئۇلارنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق” دېگەن.

ئەلەۋى، جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەرنىڭ قانچە كىشى ئىكەنلىكىنى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن. مەركىزى خەۋەر تەشكىلاتىنىڭ (CIA) غا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئەتە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2019/07/22

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here