ھىندىستاندا TikTok دېتالىنى چەكلەش چاقىرىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان

0
239

رۇيتېرىس ئاگېنتلىقى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان IT مىنىسىتىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەپلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاي ياسىغان TikTok دىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قانداق يىغىدىغانلىقىنى ۋە قانداق قىلىپ بىخەتەر سۇپا بەرپا قىلىدىغانلىقىنى سورىدى.

ا Sensor Tower ئانالىز شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، TikTok ئىشلەتكۈچىلەرنى ئالاھىدە ئۈنۈملەر بىلەن قىسقا ۋىدىئو ئىشلەش ۋە ھەمبەھىرلەشكە رۇخسەت قىلىدۇ. بۇ ئەپ ھازىرغا قەدەر ھىندىستاندا 300 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلۈپ بولدى. دۇنيا مىقياسىدا بولسا چۈشۈرۈلۈش سانى بىر مىلياردتىن ئاشتى.

ھىندىستان IT مىنىسىتىرنىڭ بۇ سوئاللىرى ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى Bharatiya Janata Party گە يېقىن تۇرىدىغان ھىندىستان مىللەتچى گۇرۇپپىنىڭ ھىندىستاندا TikTok دېتالىنى چەكلەش چاقىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۇنى ياسىغان بېيجىڭ Bytedance تېخنېكا شىركىتىنى شەخسىي مەخپىيەتلىك مەسىلىسىدە ناچار خاتىرىلىرى بار دەپ ئەرز قىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان.

2019/07/22

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here