خىتاي كامبودژا بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى رەت قىلغان

0
81

7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان Wall Street ژۇرنىلىغا ئېلان قىلىشىچە، خىتاي كامبودژا بىلەن تۈزىگەن مەخپىي بىر ئىتتىپاقىدا “خىتاي، كامبودژانىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرالايدىكەن. ” لېكىن كامبودژا ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرنى رەت قىلغان.

Wall Street ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىن ئالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلشىچە، بۇ مەخپىي كېلىشىم مۇشۇ يىل ئەتىيازدا ئەمەلىيلىشىدىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت بۇ كېلىشىمنى مەخپىي تۇتقان. بۇ كېلىشىمدە تايلاند دېڭىز قولتۇقىغا جايلاشقان كامبودژانىڭ رېئام دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ بىر قىسمىغا خىتاي ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرالايدىكەن.

ئەگەر بۇ ئىتتىپاق ئەمەلگە ئېشىپ قالسا خىتاي باشقا دۆلەتلەر بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان خىتاي جەنۇبىي دېڭىز رايوندىكى مەنپەئەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايدىكەن ۋە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا بېسىم ئېلىپ كېلەلەيدىكەن.

كامبودژا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇنداق مەخپىي كېلىشىم بارلىقىنى رەت قىلغان. خىتاي ئارمىيىسىنىڭ يېقىندا كامبودژاغا جايلىشىشى توغرىسىدا خېلى كۈچلۈك مەلۇماتلار بار ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودژادىكى رېئام دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۈچۈن بەرمەكچى بولغان ياردىمىنى كامبودژا ھۆكۈمىتىنى رەت قىلغان. 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ كامبودژا مۇداپىئە مىنىستىرىغا ئامېرىكىنىڭ ياردىمىنى نېمە ئۈچۈن رەت قىلغانلىق سەۋەبىنى بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن “خىتاي كامبودژاغا ئەسكەر ئەكىرمەكچى” دېگەن پەرەزلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

2019/07/22

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here