ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەخىت ۋارىسى « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە قارشى خىتاي بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن

0
264

7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن زەيىد ناھيان بېيجىڭغا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بارغان ئىكەن. خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان CCTV بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ تەخت ۋارىسى بىن زەيىدنىڭ “شىنجاڭ” يەنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغانلىقىغا رەھمەت بىلدۈرگەن ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي زۇۋانى بولغان CCTVنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەخت ۋارىسى “خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن” ئىكەن. بىن زەيىد يەنە دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ تېررورىزمغا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارشى زەربە بېرىشتە بىرلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ WAM خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش شىركىتى بولغان  ئېممار بېيجىڭدىكى داشىياڭ خەلقئارا ئايرودروم بىلەن 11 مىليارد دوللارلىق قۇرۇلۇش لايىھىسىدە ھەمكارلاشقان ئىكەن.  بۇ قۇرۇلۇش لايىھىسى 10 يىلدا پۈتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ ئايرودرومنىڭ بىر تەرىپىگە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ۋە ئارام ئېلىش رايونى ياسىلىدىكەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 2017-يىلدا 60 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

2019/07/24

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here