ئامېرىكا 50 مىليون دوللار ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەرنى زېمىنلىرىدىن كۆچۈرمەكچى

0
336

7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىدىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەسلىھەتچىسى ۋە تىرامپنىڭ كۈيئوغلى جارىد كۇشنېر پەلەستىنلىكلەرنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان ئاتالمىش  «مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئىتتىپاقى» پىلانىنىڭ 50 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادى بۆلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئوتتۇرا شەرققە بارىدىكەن.  بۇ 50 مىليون دوللارنى ئىقتىسادى تەرەققىيات ئاستىدا پەلەستىنلىكلەرگە، ئىئوردانىيە، مىسىر ۋە لىبنانغا بۆلۈپ بېرىدىكەن.

بەزىبىر ئەرەب سىياسىيونلارنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا بۇ پۇللارنى پەلەستىن بىلەن چېگرىداش بولغان ئىئوردانىيە، مىسىر ۋە لبنانغا بېرىش ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن شۇ دۆلەتلەردە ياشاش شارائىتى ھازىرلاپ پەلەستىنلىكلەرگە زېمىنى تاشلاشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان پىلاندۇر.

ئامېرىكا دۆلەت مەسلىھەتچىسى ۋە تىرامپنىڭ كۈيئوغلى بولغان يەھۇدىي كۇشنېر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئاتالمىش ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە، مىسىر، ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىك دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىدىكەن. بۇ ئۆمەك مۇشۇ ئايدا يولغا چىقىپ 8-ئاينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىغا قايتىدىكەن.

بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغان ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ دېيىشىچە، بۇ زىيارەت 6-ئاينىڭ 25-كۈنى بەھرەيىندە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توغرىسىدا ئېچىلغان ئىقتىسادى يىغىنىنىڭ داۋامى ئىكەن.

مەزلۇم پەلەستىنلىكلەر ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «بۇ ئەسىرنىڭ ئىتتىپاقى» نى رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

2019/07/24

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here