خۇاۋېي ئامېرىكىدا 600 دىن ئارتۇق خىزمەتچىنى خىزمەتتىن بوشاتماقچى

0
96

7-ئاينىڭ 24-كۈنى CNN خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە قويغان بەزى چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن زىيان تارتقان خۇاۋېي تېخنولوگىيە شىركىتى ئامېرىكىدىكى 600 ئىشلەمچىسىنى خىزمەتتىن بوشاتماقچى ئىكەن.

7-ئاينىڭ 23-كۈنى خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكىدىكى فۇرۇرېۋې تەتقىقات ۋە تەرەققىيات مەركىزىدىكى 600 دىن ئارتۇق خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خۇاۋېي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېيغا قويغان چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن تىجارىتىدە چېكىنىش كۆرۈلگەنلىكتىن بۇ قارارنى مەجبۇرى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خۇاۋېي ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېگەن :« بۇنىڭغا ئوخشىغان قارارلارنى چىقىرىش ئاسان ئەمەس. فۇرۇرېۋې ئامېرىكا قانۇن-تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلمىغان ھالدا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە قارىتا چەكلىمىلەرنى قويغان بولۇپ، خۇاۋېي شىركىتى “ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى سەۋەبىدىن ئامېرىكىلىقلار خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن” دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

2019/07/24

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here