رۇسىيە، خىتاي بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئورتاق ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن

0
182

7-ئاينىڭ 23-كۈنى رۇسىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە خىتاي بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۇزۇن مۇساپىلىك ئورتاق ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. كورىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ دېيىشىچە، كورىيە بۇ مانېۋىرنى توسۇش ئۈچۈن نەچچە پاي ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقان ئىكەن. بۇ مانېۋر ياپونىيىنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

بۇ مانېۋىرغا رۇسىيىنىڭ 2 دانە TU-95 تىپلىق ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى ۋە خىتاينىڭ 2 دانە H-6 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق مانېۋىر ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسكىرى ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا ئورتاق ھەربىي مانېۋىرلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئىككى دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

كورىيە بىلەن ياپونىيە خىتاي بىلەن رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنى توسۇشقا ھەرىكەت قىلغان ۋە رۇسىيە بىلەن خىتاي “قانۇنسىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن” دەپ ئەيىبلىگەن.

كورىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە، كورىيىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى رۇسىيىنىڭ ئايروپىلانلىرى كورىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن يۈز نەچچە پاي ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقان ئىكەن.

2019/07/25

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here