خوڭكوڭدىكى نامايىشلار ئۇدا 48 سائەت داۋاملاشتى

0
253

7-ئاينىڭ 28-كۈنى مېفا نېۋىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكۇڭدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلار ئۇدا 48 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، نامايىشچىلارغا قارشى بىر گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ساقچىلار ئارىلاشمىغان ئىكەن.

شەنبە كۈنى نامايىشچىلار قايتىدىن يوللارغا چىققان، ساقچىلار بۇ قېتىم نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان بولۇپ، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشمۇ يۈز بەرگەن . بۇ توقۇنۇشتا ساقچىلار تاش ئاتقان نامايىشچىلارغا پىلاستىك ئوق بىلەن قارشىلىق  بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ ساقچى تەرەپنىڭ باياناتىدا، نامايىشلار بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ كۆپىنچە نامايىشچىلار ماسكا ۋە گاز ماسكىسى تاقاپ نامايىشقا چىققان.

ئاق كىيىم كېيىگەن يۈزلەرچە كىشى يۇئەن لوڭ مېترو ئىستانسىدا نامايىشچىلارغا  تۆمۈر كالتەك-توقماق بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىدا ئۆيگە قايتىۋاتقانلار، گېزىتچىلار بار ئىكەن. ھۇجۇمدا 45 كىشى يارىلانغان. بۇ ئەھۋاللار 2009-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش ئېلىپ بېرىلغان.

خوڭكوڭ 1997-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگلىيە كونتروللىقىدىن خىتاي كونترولىقىغا ئۆتكەن بولۇپ، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ئاستىدا باشقۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خوڭكوڭ خەلقىنى بىر تۈزۈمدە باشقۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا.

2019/07/30

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here